ئۇيغۇرلاردىكى پاجىئە: كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە

ئاپتورى: غالىب بارات ئەرك

ئۇيغۇر قىزى

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. شۇنداق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن تۈزۈلگەن بىر جەمئىيەتتۇر، مانا ئەمدىلىكتە مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئائىلىنىڭ رولى، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئويلىشىپ كۆرىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شۇنچىلىك ياخشى كۈنلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ بىر تۈركۈم ئىدىيىسى تۇراقسىز، پۇرسەتپەرەس، مەسئۇلىيەتسىز، دىيانەتسىز كىشىلەر جەمئىيەت تەرتىۋىنى، خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى بۇزۇپ، ناچار قىلمىشلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە، مىللىتىمىزگە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن شەكىللەنگەن كىرىزىس مىللەتنىڭ كېلىچىگىگىلا ئەمەس بۈگۈنى ئۈچۈنمۇ زور خەۋپلەرنى كەلتۈرمەكتە، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى جۈملىدىن بىزنىڭ ئائىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى، ئائىلە ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشى، بۇنىڭ ئائىلىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىمنى سۇنماقچىمەن.

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەللامىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى «ئائىلە» ناملىق كىتابىدا ئائىلىگە تەبى بېرىپ : «ئائىلە نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنىي شەكلى بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە، ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇدگاھى؛ مېھىر–شەپقەت، ئەقىل–ئىدراك، ئەخلاق-ئادەت، بىلىم-مەدەنىيەتنى يېتىشتۈرۈدىغان تۇنجى مەكتىپى؛ قوشنىلارغا، ئىلىم ئوچاقلىرىغا، جەمئىيەتكە، كىشىلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بوسۇغۇسى؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل موزىيى؛ كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك شىپاھخانىسى؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى؛ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىزى ۋە شېخى؛ مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ؛ …. ئائىلە- ھەممە كىشى، پۈتۈن جەمئىيەت، ھەر ساھە غەمخورلۇق قىلىشى لازىم بولغان مىللىي تۇرمۇشنىڭ ‹ئۇرۇقى›. ئائىلىدىن ئائىلىلەر سېستىمىسى-جەمئىيەت، ئىنسانلار تۈركۈمى-مىللەت تۆرۈلىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئائىلىلەر ماددىي ۋە مەنىۋىي، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي شارائىتى ۋە قىياپىتىگە ئېتىبارسىز قاراش جەمئىيەت ۋە مىللەت، ئىنسانىيەتنىڭ رېئال ۋە كەلگۈسىگە ئېتىبارسىز قاراش ھېساپلىنىدۇ» [1] دەپ يازىدۇ.

ئالىمنىڭ ئائىلە ھەققىدە بەرگەن يۇقارقى تەبىرى بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا، تەپەككۈر قىلىشىمىزغا، جۈملىدىن ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىزنى مۇشۇ فورمۇلا بىلەن دەڭسەپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ ۋە ئۈندەيدۇ. ئالىمنىڭ پىكرى بويىچە ئالساق، ئەر-ئايال (ئوغۇل-قىز) نىڭ قانۇنلۇق ھالدا توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولىشى ئەلۋەتتە قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت (نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولىدىغان، ئائىلىسى تۇرۇپ 3-بىر كىشىدىن پەرزەنتلىك بولىدىغان قىسمەن ئەھۋاللارنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ)، بىراق گەپ بۇ ئائىلىنىڭ بەرپا بولىشىدا ئەمەس بەلكى شۇ ئائىلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى، ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى، ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئائىلىنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە تولۇشى، ئائىلە ئەخلاقى ۋە مەدەنىيىتى، پەرزەنت تەربىيىسى، ئائىلىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مانا بىز بۈگۈنكى كۈنگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى تويلارنىڭ ئەكسىچە ئەركىن مۇھەببەت ئاساسىدا ئائىلىلەر بەرپا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، «تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسەن» دېگەندەك بەزى مۇشەققەتلەردىن خالىي بولمىغان ھالدا، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويۇپ «بېشى باش، ئايىغى تاش» ھالدا ھاياتنىڭ تۈرلۈك تۈمەن سىناقلىرىغا يۈزلىنىدۇ. بۇ سىناقلاردا ئائىلىلەرنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى قانچىلىك مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە قانچە زامان بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ بۇنىڭغا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق جاۋاپ ھازىرلىيالايمىز.

1. بىز ئالدى بىلەن مۇندىن يۈز يىللار بۇرۇنقى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ خانىمى كاتارىن ماكارتنىي (1898-يىلى 21 يېشىدىن باشلاپ قەشقەر چىنىباغدا 17 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن) نىڭ 1931-يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابى «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» دىكى مۇنۇ بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى: «قەشقەردە توي بېشىدا تۇرۇپ نىكاھ ئۇقۇغان موللا ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، نىكاھ ئۇقۇغان چاغدىلا ئاجرىشىش خېتىنىمۇ تەييارلاپ قۇيىدىكەن. چۈنكى بۇنداق ئىشلار قاچانلا بولمىسۇن يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. بىر ئەر بىرەر گۇۋاھچىنىڭ ئالدىدا خوتۇنىغا ئۈچ قېتىم ‹تالاق› دېسە، ئەر-خۇتۇن ئاجراشقان بولىدىكەن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا نىكاھلىنىش ھىچقانچە چوڭ ئىش ھېسابلانمايدىكەن. نۇرغۇن ئەرلەر بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىدە، مەلۇم جايدا بىرەر قىز بىلەن توي قىلىدىكەندە، كۆپۈنچە بىر ئىككى كۈن، بەزىدە نەچچە ھەپتە، نەچچە ئاي ئۆتكەندە كېتىپ قالىدىكەن، كېتىشتىن بۇرۇن ئاجرىشىدىكەن… قەشقەردە قىزلار 12 يېشىدىلا توي قىلىدىغان، كۆپ بالىلىق ياكى كۆپ نەۋرىلىك بولىدىغان بولغاچقا، ئاسان قېرىپ، 25 ياشلاردىلا قېرى چىراي بولۇپ كېتىدىكەن»[2]. مانا بۇ بايانلاردىن بىز مۇندىن 100 نەچچە يىللار بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھقا ئويۇنغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

2. قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوپ (1835-1865) 1858-يىلىدىن 1859-يىلىغىچە قەشقەردە بولغان كۈنلىرىدە كۆرگەنلىرى ئاساسىدا يازغان «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» دىگەن كىتابىدا، «ئالتە شەھەردە ئاياللار ئەرلىرى بىلەن بەزمىلەرگە بارىدۇ. بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ. چۈنكى، ئاياللار خالىغان چاغدا ئەرلەرنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئايالى ئاجراشماقچى بولسا، ئۆيدىن بىرنەرسە كۆتۈرۈپ ماڭالمايدۇ. ئەگەر ئەر ئاجراشماقچى بولسا، ئايالىنىڭ جان بېقىشى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالتە شەھەردە مۇسۇلماندارچىلىققا يات كەڭ يېيىلغان بىر ئاجايىپ ئادەت بار، ئۇ بولسىمۇ، باشقا يۇرتتىن كېلىپ توختاپ قالغانلارنى ۋاقىتلىق ئۆيلەپ قويىدىغان ئادەتتۇر. ۋاقىتلىق نىكاھقا قەتئىي يول قويمايدىغان ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ يولىنى تۇتىدىغان سۈننىيلەر تۇرۇقلۇق، قەشقەرلىكنىڭ بۇ خىل ئادەتكە يول قويۇشى بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىشتۇر. ئېھتىمال بۇ بۇتپەرەسلىك زامانىدىن قالغان ئادەت بولىشى مۈمكىن. ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئادىتى مۇھاجىرلار كۆپرەك جايلاشقان ئالتە شەھەر تەۋەسىدىلا ئەۋج ئالغان، كۇچارنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتسەك بۇنداق ئادەت يوق. چۈنكى ئۇ ياقلارغا باشقا يۇرتلۇقلار ئانچە بارمايدۇ. ئەر بولغۇچى خوتۇنغا تويلۇق ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم ئېلىپ نىكاھ ئۇقۇتسىلا ئىش پۈتىدۇ. خوتەن تەرەپلەردە بىزنىڭ كۈمۈش پۇل ھېساۋىمىزدا بىر يېرىم كۈمۈش خەجلىسىلا خوتۇن ئالغىلى بولىدۇ. يەكەندە تېخى مەخسۇس خوتۇن بازىرى بولۇپ ئەرگە تېگىدىغان خوتۇنلارنى بازاردىنلا تېپىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما ئاقسۇ، تۇرپانلاردا توي قىلماق تەسرەك. ئالتە شەھەردە ئاياللارغا نىكاھ ئەركىنلىكى بېرىلگەندەك قىلغىنى بىلەن، بۇ ئىشنىڭ يامان تەرىپى شۇكى، كىشىلەر ئائىلىنى قەدىرلىمەيدىغان، نىكاھنى ئويۇن تاماشا قاتارىدا كۆرىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئېغىر…. كېيىن كىشىلەر پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىدىن چەتنەپ كەتكەچكە، جەمئىيەتتە يەنىلا مۆرتەدلىك ۋە زىناخورلۇق يامراپ كەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر ھاراقنىڭ ئورنىنى نەشە ئىگىلىدى. ئالتە شەھەردە نەشە چېكىدىغانلار بەڭگە دېيىلىدۇ. بەڭگىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ جەمئىيەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق بىر تەبىقە…. ئالتە شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا پاھىشخانىلار بار. ئاياللار شۇ يەرلەردە پاھىشىلىككە سېلىنىدۇ. قەشقەردە پاھىشە ئاياللارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بولسىمۇ، لېكىن نامراتلىق ۋە مۇھتاجلىقنى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ…»[3] دەپ يازغانلىرى كاتارىن ماكارتنىينىڭ يازغانلىرىنىڭ بەرھەقلىگىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ خىل ئادەتنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنلا بار ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

3. روسىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى نۇشرىۋان يائوشېۋ «ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت» ناملىق ئەسىرىدە 1915-يىلى ئەتراپىدا يۇرتىمىزدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مۇنداق دەپ يازىدۇ: «سەبىي قىزلارنى سەككىز-توققۇز يېشىدىلا ئەرگە بېرىدۇ. 12-13 ياشقىچە ياتلىق قىلىنمىغان قىزلار ئەيىبلىك سانىلىدۇ. قىز بىر ئەردە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرالمايدۇ. بىر ئەر، ھالى يەتسە يىلىغا 40-50 قىزغا ئۆيلىنىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئەرسىز قالغان خوتۇنلار بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. بالىلىق ئاياللار ياش بولسىمۇ، ئەر چىقمايدۇ. بەك كۆپ قىزلار مۇساپىرلاردىن ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار كۈنىگە ئۈچ-تۆت تىيىنغا مويكىلاردا يۇڭ يۇيۇپ ئىشلەپ بالىلىرىنى ئۆزلىرى تەربىيىلەيدۇ…. خوتۇن قىزلار بېزەككە ئامراق بولغاندەك، ئەرلىرىمۇ شۇنداق پوزۇر كىيىنگەن يورغىلاپ يۈرگۈچى قىزلارغا ۋە يورغا ئاتلارغا ئامراق كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خوتۇننى كۆپرەك ئېلىش سۈننەت ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ساۋابلىق ئىش. ئەشۇ خىل ئېتىقادنىڭ سەمەرىسدىن بولسا كېرەك، بۇ يەردە ئۆمرىدە يۈزدىن كۆپرەك قىزغا ئۆيلەنگەن كىشىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. خوتۇن قىزلارنى ئۇرۇپ سوقۇش، ئاغزىدىن قان كەلگۈچە قىيناش ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ نەزەرىچە، بارلىق قۇت – سائادەت ۋە بارچە يىتۈكلۈك كۆپرەك خۇتۇن ئېلىپ ئۇلارنى قاتتىقراق قىيناشتۇر…. بىزنىڭ بۇ يەردە خوتۇن ئەرزان. تېخى يېقىندىلا بىر ئىككى تەڭگە چىقىم قىلىپ 14 ياشلىق بىر قىز ئالغان ئىدىم. يېنىدا ئىككى كۈن يېتىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنى قويۇۋېتىپ، ئاخشام يەنە بىرنى ئالدىم. بالىلارنىڭ ئانىسى قېرىپ قالدى، ئۇ.. بولمايدۇ. بىز پەيزىۋاتقا دائىم بېرىپ تۇرىمىز، ھەر بارغاندا بىرنى ئالماي كەلمەيمىز. ئۈچ كۈن تۇرىمىزدە تالاق خېتىنى بېرىۋېتىپ كېتىمىز، ناھايىتى ئۈچ-تۆت تەڭگىلا چىقىم بولىدۇ….» [4]

4. گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئارخىئولوگ ئالبېرت ۋون لېكوك «شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى» ناملىق كىتابىدا تۇرپان قاراخوجىدا بولغان مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى خاتىرىلىگەن: «شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، بىر كۈنى قازى بىلەن ئورنى يۇقىرى بىر ئاخۇن بىزنى ئىزلەپ كەلدى. ئاخۇن بىزگە ‹سىلەر ئىككىڭلەر خۇتۇنسىز بۇنداق ياشىساڭلار بولمايدۇ، سىلەر توي قىلىشىڭلار زۈرۈر› دېدى. بىز ‹بىز توي قىلىپ بولغان› دېسەك ئۇلار يەنە، ‹توغرا، لېكىن سىلەرنىڭ خۇتۇنلىرىڭلار نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتا، شۇڭا سىلەر بۇ يەردە چۇقۇم نىكاھلىنىشىڭلار لازىم. بەگنىڭ ۋە مېنىڭ قىزىمنى سىلەرگە ياتلىق قىلىشقا جابدۇپ قويدۇق› دېدى. بۇ ئىش بىزنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇردى. بىز قانداق قىلساق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي بۇ ئىشنى رەت قىلالايمىز؟ بىز ئاۋۋال ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتۇق، ئاندىن: ‹دوستلار، سىلەرمۇ بۇ يەردە چىڭ پادىشاھىنىڭ سىنچىلىرى-مەخپىي پايلاقچىلىرى بارلىقىنى بىلىسىلەر، ھەر ھەپتىدە بىزنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىمىزنى بېيجىڭدىكى ئەلچىگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ، باش ئەلچى بۇ دوكلاتلارنى بېرلىندىكى پادىشاھ ۋېللىيامغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ قانۇنىمىزدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىز پەقەت بىر قېتىملا توي قىلالايمىز، ئەگەر پادىشاھ بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە توي قىلغىنىمىزنى ئۇقۇپ قالسا، سىز پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بىز قانداق بولىمىز؟› دېدۇق. ئۇلار ساقاللىرىنى سىپاپ ‹بىلمەيمىز› دېيىشتى. ئۇلاپلا بىز چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدۇق : ئەگەر بىز قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزسەك، ‹25 دەررە ئۇرۇلىمىز›. ئۇلار بىزنىڭ بۇ خىل ياۋايىلارچە قىلمىشىمىزدىن قاتتىق ھەيران بولۇپ بىزگە ھېسداشلىق قىلىشىپ قايتتى»[5].

5. ياپونىيىلىك دۇبىئەنجېشىن «بۇ يەرلىك قىزلار ناھايىتى بالدۇر توي قىلىدىكەن، ئەگەر 15 ياشقىچە ياتلىق بولمىسا ياتلىق بولالمايدىكەن، ئادەتتە 12 ~ 13 ياشلاردىلا 25 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەردىن بىرىگە ياتلىق بولۇپ كېتىدىكەن… بىراق ئەرلەر ئاياللارنى يىرتىق كەشنى تاشلىغاندەك چۆرىۋېتىدىكەن، شۇنچىكىلا ياقمىسا خوتۇنىنى قوغلاپ چىقىرىپ باشقىسىنى ئالىدىكەن. ياپونىيىدە توي قىلغاندا بۇرۇن توي قىلغانمۇ دەپ سورايدۇ، بۇ يەردە نەچچە ئەرگە تەگكەن دەپ سورايدىكەن. بۇ يەردىكىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولالايدىكەن، بىر ئەر بىر قانچە خوتۇن ئالالايدىكەن، بىراق مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خوتۇنلار ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، بۇ خوتۇنلار پۇلغا سېتىۋېلىنغان، شۇڭا قىز توغۇلسىلا بايلىق دېيىشكە بولىدۇ. ئاجراشقاندا، بالىسى ئەگەر ئوغۇل بولسا ئېرى ئالىدۇ، قىز بولسا خوتۇنى ئېلىپ كېتىدۇ…»[6].

6. بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت «ئالتە شەھەرگە سەپەر» ناملىق ئەسىرىدە «پاھىشىلەرگە پاھىشىخانىلەر يوق. شۇڭلاشقا پاھىشىلەر تۇڭگان سارايلىرىدا مۇستەقىل ياشايدۇ. يېنىغا بارساڭ ھامان نازلىنىپ، ئاشىق-مەشۇق قوشاقلىرىنى ئېيتىدۇ. بۇلارنى كۆرۈپ ئۆز-ئۆزۈڭدىن خورلىنىسەن. خۇسۇسەن ماڭا ئوخشاش باشقا يەردە ئۆسكەن بىر كىشىگە، بۇلارنىڭ قىلىقلىرى بەك غۇربەت ۋە يات تويۇلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئومۇمەن مۇئامىلىلىرى چىنلىقلار بىلەن بولغانلىقتىن، ھەممىسى بەڭگى بولۇپ، بازارلاردىن قىز يوقۇلىدىكەن. شۇڭا بىر ئاز ياشراقلىرى چىنلىقلارغا ئۆيلىنىدۇ ياكى ئومۇمىي يەرلەردە قىمار ئويناپ، ئۆمۈر ئۆتكۈزىدۇ. بۇ تەرەپلەردە ۋاقىتلىق نىكاھمۇ خېلى تەرەققىي قىلغانىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يوقسىزلىقنىڭ سەمەرىسىدۇر ئاخىر» [6] دەپ يازىدۇ.

يۇقارقى بايانلاردىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، 18 -، 19-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلاردا مۇستەھكەم ئائىلە، نەسەب قارىشى بولمىغان، شۇڭىمۇ نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىكنىڭ باشلانمىسى ئەنە شۇ ئائىلىلەردىن باشلانغان. مائارىبچى ياقۇت يۇنۇس خانىم ئۆز ئەسلىمىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : «يۇرتىمىزدا ‹تالاق› دەيدىغان بىر خىل ئەسكى ئادەت بار ئىدى. ئايالىدىن رەنجىگەن، يوقىلاڭ ئىشقا ئىشىنىپ قالغان، گۇمان قىلىپ قالغان بەزى ئەرلەر ياكى ئۆكتەم، كۆكەمە ئەرلەر بىرەر قېتىملىق ئۇرۇش تالاشتىن كېيىنلا ئايالىنى ‹تالاق› ياكى ‹ئۈچ تالاق› دېگەندەك بولمىغۇر سۆز بىلەن تىللايتتى. بۇنىڭ بىلەن ئايال ئەرنىڭ ئەمرىدىن چىقىپ كېتەتتى. ئەمما، بۇنداق سۆزنى ئايال ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى. بۇنداق ئائىلىلەر كۆپۈنچە بۇزۇلۇپ كېتەتتى. بالا-چاقىلىرى كۆپ، ئاتا-ئانىسى بېسىم ئىشلەتكەن، قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان، ئەرنىڭ گۇمانى يېشىلگەن، ئايال بۆھتاندىن ئاقلانغان ئەھۋالدا ‹تالاق› نى ياندۇرۇشقا توغرا كېلىپمۇ قالاتتى. ‹تالاق› نى ياندۇرۇشتا، ئەگەر ئەرنىڭ ئاغزىدىن ‹ئۈچ تالاق› دىگەن سۆز چىقىپ كەتكەن بولسا، بۇنداق ‹تالاق› يانمايتتى؛ ئەگەر ‹تالاق› دېگەن بولسا بۇنى ياندۇرغىلى بولاتتى. ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولاتتى : بىر خىلى-ئايال باشقا ئەرگە بىر قېتىم نىكاھلىنىشى كېرەك. يەنە بىر خىلى، ئايال بىراۋغا ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشى ۋە ئۇنى ئەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى كېرەك ئىدى. بۇ خىل رەسمىيەتنى ئاساسەن يۇرتنىڭ ئىمام خاتىبلىرى دىنىي رەسمىيەت بىلەن ئىجرا قىلاتتى…» [7]

يۇقارقىلار 200 يىللار بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئەينى دەۋر رىئاللىقىنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىگىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ، ئۇنداقتا بىز بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان قارىشى ئۆزگەرگەن، ئاڭ سەۋىيىسى ئاشقان، ئائىلىگە ئوبېكتىپ قارايدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان، سوتسىيالىستىك ئىدىيە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان زاماندىكى ئائىلىلەر قانداق بولماقتا؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزلەشتە مونۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسەك ئارتۇقلۇق قىلماس ئەلۋەتتە.

* 1994-يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە جان سانى 4.38 بولۇپ ئىشقا ئۇرۇنلاشقان نوپۇس 1.92 ئادەمگە يەتكەن، ھەر بىر نوپۇس 2.28 ئادەمنى باقىدىغان بولغان[8].

* 1983-يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 422 مىڭ 484 جۈپ توي قىلىشقا، 129 مىڭ 17 جۈپ ئاجرىشىشقا ئىلتىماس قىلغان، سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 29 مىڭ 792 جۈپ ئاجراشقان، يارىشىپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 22 مىڭ 636 جۈپ.

* 1984-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە توي قىلىشقا تىزىملاتقانلار 155 مىڭ 297 جۈپ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 44 مىڭ 487 جۈپ، يارىشىۋېلىشقا تىزىملاتقانلار 7367 جۈپ…[9].

* 1987-يىلى ئاپتونوم رايوندا نىكاھ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى نوپۇس 233 مىڭ 609 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە نىكاھلانمىغانلار 28.46 پىرسەنتنى، جۈپتى بارلار 63.82 پىرسەنتنى، جۈپتى يوقلار 4.84 پىرسەنتنى، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 2.88 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن. توي قىلغانلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا توي قىلغانلار شۇ ياشتىكىلەرنىڭ 7.01 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن. بالدۇر توي قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلار 92 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلاردىن نىكاھلانمىغانلار 25.50 پىرسەنتنى، جۈپتى بارلار 64.1 پىرسەنتنى، جۈپتى قازا قىلغانلار 6 پىرسەنتنى، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 4.4 پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ [10].

* 1989-يىلى نىكاھلانغانلار 169 مىڭ 213 جۈپ، بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4617 جۈپ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 35 مىڭ 643 جۈپ. [11]

* 1991-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 189 مىڭ 684 جۈپ نىكاھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان، 170 مىڭ 999 جۈپنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن (بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغان 4994 جۈپ)، 18 مىڭ 685 جۈپ ئەر-ئايال توي قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن توي خېتى بېرىلمىگەن. 57 مىڭ 987 جۈپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 40 مىڭ 53 جۈپنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن، 17 مىڭ 934 جۈپ مۇرەسسە ئارقىلىق ئەپلىشىپ قالغان [12].

* 1992-يىلى 181 مىڭ 240 جۈپ ئەر ئايال توي قىلىشقا تىزىملىتىش ئىلتىماسى قىلغان. 165 مىڭ 122 جۈپ كىشىنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4653 جۈپ، 16 مىڭ 118 جۈپ ئەر ئايالنىڭ توي قىلىشقا شەرتى توشمىغانلىقتىن رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلمىگەن. بۇ يىلى 54 مىڭ 215 جۈپ ئەر ئايال نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 37 مىڭ 194 جۈپ ئەر ئايالنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن [13].

* 1993-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نىكاھلىنىشقا تىزىملاتقانلار 194 مىڭ 900 جۈپ، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەنلەر 160 مىڭ 709 جۈپ (يارىشىۋالغانلار 4863 جۈپ)، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 29 مىڭ 328 جۈپ [14].

* 1994-يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە 202 مىڭ 149 جۈپ ئەر ئايالنىڭ نىكاھلىنىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلغانلار 166 مىڭ 643 جۈپ (ياراشىۋالغانلار 6854 جۈپ)، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 28 مىڭ 652 جۈپ بولغان [15].

* 1997-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا نىكاھقا تىزىملاتقانلار 201 مىڭ 162 جۈپ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 170 مىڭ 674 جۈپكە (بۇنىڭ 4692 جۈپى يارىشىۋالغانلار) رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلگەن، 30 مىڭ 488 جۈپ ئاجرىشىشقا تىزىملاتقان، ئىستاتىسكا قىلىنىشىچە سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 28 مىڭ 232 جۈپ ئاجراشقان [16].

بەزىلەر بۇ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستاتىسكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 40 نەچچە مىللەت بار، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىشى تۇرغانلا گەپ. توغرا، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان ھالدا 40 نەچچە مىللەت ياشايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ماقالىنىڭ تېمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە كىرىزىسىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتەرلىك ئىسپات بولالامدۇ؟ بەزىلەر يەنە ئاجراشقانلار يەنىلا ئاز سانلىققۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئاجرىشىپ بولۇپ يارىشىۋالىدىغانلارمۇ بار دېيىشى تۇرغانلا گەپ. ئەلۋەتتە، بىر جەمئىيەتتە، بىر مىللەتتە نىكاھلىنىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش نورمال ئىش، بۇنى كېرىزىس دىيىشنىڭ ھېچ بىر ئاساسى يوق. دەرھەقىقەت، نىكاھلىنىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ۋە مىللەتتە بولىدىغان نورمال ئىجتىمائىي ھادىسە، لېكىن ئۇنىڭ نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولىشى، شەكسىزكى بىر جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئېكىلوگيىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، بۇ بۇزۇلغان ئادەت ئېكىلوگىيىسى ۋە مەدەنىيەت ئېكىلوگىيىسى شەكسىزكى بىر مىللەتنىڭ شۇ دەۋردىكى، كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ئاساسى، ئۇيۇشۇشچانلىقىغا ناھايىتى زور ئەكسىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمدىلىكتە بىز يەنە ئىستاتىسكا مەلۇماتلىرى ئارقىلىق نىكاھ مەسىلىسىگە قايتايلى :

ئىستاتىسكا ماتىرىياللىرىدىن مەلۇم بولىشىچە «مەملىكەت بويىچە نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %0.59، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1982-يىلىدىكى نىسبىتى %3.22، بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن %2.63 يۇقىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ %41 نى 20-29 ياشقىچە بولغانلار ئىگەللەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېزىدىكىلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى شەھەردىكىلەردىن بىر ھەسسە يۇقۇرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ نىسبىتى جەنۇبىي شىنجاڭدا %82.37، شەرقىي شىنجاڭدا %3.18، شىمالىي شىنجاڭدا %14.45 بولغان» [17]. ئۇنداقتا نىمىشقا بۇنداق تەكشىسىز بولىدۇ؟

نوپۇس ئىستاتىسكىسىدىن قارىغاندا 1982-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ %80.2 نى ئۇيغۇرلار، %16 نى خەنزۇلار ئىگەللىگەن؛ شەرقىي شىنجاڭدا ئاھالىنىڭ %46.46 نى ئۇيغۇرلار، %44.27 نى خەنزۇلار ئىگەللىگەن؛ شىمالىي شىجاڭدا ئۇيغۇرلار %11 نى، خەنزۇلار %85 نى، قازاقلار %4 نى ئىگەللىگەن، بىز مۇشۇ ئىستاتىسكىدىن قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇستا ئىگەللەيدىغان نىسبىتى يۇقۇرى بولغان جايلاردا ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز [18].

* 1985– يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئۆرلەپ %4.17 كە يەتكەن بولۇپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى يېڭى بىر يۈزلىنىش يەنى نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرىلاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى [19].

* 1985-يىلى قەشقەردىكى ئىككى كەنت بىر فابرىكىدا نىكاھلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، زاۋۇتتىكى ئەرلەرنىڭ نىكاھلىنىش قېتىم سانى 1.8 قېتىم، ئاياللارنىڭ 1.4 قېتىم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھلىنىش قېتىم سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.63 قېتىم، خەنزۇلارنىڭ 1.06 قېتىم بولغان. بۇلار نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

* ئۇيغۇرلاردا بالدۇر نىكاھلىنىش بىر قەدەر يۇقۇرى بولۇپ 1990-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 15 ~ 17 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئىچىدە توي قىلىپ بولغان قىزلار بۇ ياشتىكى قىزلار ئومۇمىي سانىنىڭ %58.7 نى ئىگەللىگەن. 15 ~ 19 ياشقىچە بولغان توي قىلىپ بولغان ئوغۇللارمۇ بۇ ياشتىكى ئوغۇللار ئومۇمىي سانىنىڭ %64.4 نى ئىگەللىگەن. 1990-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى %25.5 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن 89. 7 ھەسسە يۇقۇرى ئىكەن. 1982-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە نىكاھتىن ئاجراشقان ئۇيغۇرلارنىڭ %82.37 لىك قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىكەن [20].

* جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە «قاراقاش ناھىيىسىنىڭ شاخاپلىق باشقۇرۇش رايونىدا، يېزا خەلق ئىشلىرى خادىمىنىڭ نىكاھ تىزىملاش جەدۋىلىدىن بايقىلىشىچە، ئاجرىشىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغىلى بارغانلار ئاجراشقانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللىگەن. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزىسىدا 1986-يىلى جەمئى 414 جۈپ نىكاھلانغان، 368 جۈپ ئاجراشقان، ئەگەر زاۋا يېزىسىنىڭ شۇ يىلدىكى ئومۇمىي نىكاھلانغانلار بىلەن شۇ يىلى نىكاھتىن ئاجراشقانلار سانىنى نىسبەتلەشتۈرسە، ئاجرىشىش نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ %88.88 نى ئىگەللەيدۇ. 1987-يىلى ئاجراشقانلار نىكاھلانغانلارنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.

* يەكەننىڭ ئارال يېزىسىدا 1987-يىلى توي قىلغان 205 جۈپنىڭ ئىچىدە 155 جۈپى ئاجراشقان بولۇپ ئاجراشقانلار توي قىلغانلارنىڭ %75.61 نى ئىگەللىگەن. مۇشۇ ئارال يېزىسىدىكى ساۋال كەنتىدە ئۆرنەك ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن 35 ئائىلە ئىچىدە 2 قېتىمدىن ئارتۇق نىكاھلانغان ئەرلەر 14 ئادەم، ئاياللار 11 ئادەم بولۇپ ئۆرنەك ئېلىپ تەكشۈرۈلگەنلەر (32 ئادەم) نىڭ %43.7 ۋە %40.7 نى ئىگەللىگەن.

* زاۋا يېزىسىدا 18 ياشتىن يۇقۇرى كىشىلەر ئىچىدە قايتا نىكاھلانغانلار نىكاھلانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %74.8 نى ئىگەللىگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا توي قىلغانلار ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسمى قايتا نىكاھلانغانلار ھېسابلىنىدۇ.

* ئارال يېزىسىدىكى توي قىلغان 205 نەپەر ئەر-ئايال ئىچىدە 155 نەپىرى ئاجراشقان، ئاجراشقان قېتىم سانى 292 قېتىمغا يەتكەن، ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 1.88 قېتىمدىن ئاجراشقان، ئەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئاجراشقىنى 8 قېتىم، ئاياللارنىڭ 5 قېتىم بولغان. ئەگەر 1-قېتىم توي قىلغان ۋە ئاجراشقان، جۆرىسى قازا قىلغاندىن كېيىن قايتا توي قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھېسابلايدىغان بولساق، ھەر بىر ئادەم ئۆمرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.5 قېتىمدىن نىكاھلانغان بولىدۇ.

* زاۋا يېزىسىدىكى 67 كىشىنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 35 ياشقىچە 2 قېتىمدىن ئارتۇق نىكاھلانغان كىشىلەر نىكاھلانغانلار ئومۇمىي ساننىڭ %64.1 نى ئىگەللىگەن. 36 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە 2 قېتىمدىن ئارتۇق نىكاھلانغانلار ئومۇمىي ساننىڭ %85.5 نى، 50 ياشتىن يۇقۇرىلار ئىچىدە 2 قېتىمدىن ئارتۇق نىكاھلانغانلار %81.5 نى ئىگەللىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە نىكاھلانغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى 33 ياشتىكىسى 6 قېتىم، 68 ياشتىكىسى 7 قېتىم نىكاھلانغان… زاۋا يېزىسىدىكى 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.74 نەپەر پەرزەنتلىك بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ساق چوڭ بولۇش نىسبىتى %57.89 بولغان…. 1990-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە ئۇيغۇر ئاياللىرى 65. 4 قېتىمدىن يەڭگىگەن…» [21].

* شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى بىلەن يۈننەن ئۇنۋېرستېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قەشقەر كونا شەھەر مۇسۇلمانلار كەنتىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە «مۇسۇلمانلار كەنتىدە قايتا نىكاھلىنىش نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ %34.52 كە يەتكەن، بولۇپمۇ كەنتتىكى ياشتا چوڭلارنىڭ ئىچىدە ئۆمرىدە 3~4 قېتىم توي قىلغانلار بار…» [22].

* 1990-يىلىدىكى 4-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى %5.25 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر %5.23 نى، ئاياللار %5.27 نى ئىگەللىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ بويىچە ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى مىللەت ئىكەنلىگى ئېنىقلانغان. 2000-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %4.2 نى ئىگەللىگەن. 2000-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا نىكاھلىنىش نىسبىتى %18.95 كە يېتىپ يۇقۇرى چەك ياراتقان [23].

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ھەممىدىن يۇقۇرى بولۇپ قالماستىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىنمۇ بىر ھەسسە يۇقىرى تۇرىدۇ، ناۋادا، بىز بۇ نىسبەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتىنى ئويلايدىغان بولساق، ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نوپۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە 1980-1990-يىللىرىدا نىكاھلانغان ۋە نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا %49.4 ۋە %46 بولغان، يەنى 100 ئادەمدىن 49.4 نىكاھلانغان ۋە 46 سى نىكاھتىن ئاجراشقان. يەكەن ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، نىكاھتىن ئاجراشقانلار ئاھالىنىڭ %75 تىن ئاشقان. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ 1987-يىلىدىكى تەكشۈرۈشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ شاخال كەنتىدە 205 نەپەر توي قىلغان ئەر-ئايال ئىچىدە، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 155 نەپەر بولۇپ ئومۇنىي نوپۇسنىڭ % 61. 75 نى ئىگەللەيدۇ. بۇ 155 نىكاھتىن ئاجراشقۇچىلارنىڭ ئاجرىشىش قېتىمى 292 قېتىم بولۇپ ھەر بىر كىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.8 قېتىمدىن ئاجراشقان [24].

ھازىر ئۇيغۇرلاردا كىچىك ئائىلىلەر شىددەت بىلەن كۆپەيگەن بولۇپ بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتىمۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن يۇقۇرى بولغان (بىز بۇ يەردە مۇندىن 2000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا كۆپ جاينىڭ ئائىلىلەردىكى ئوتتۇرىچە جان سانى 9~7 ئەتراپىدا بولغانلىقىنى تارىخ ماتىرىياللىرىدىن كۆرەلەيمىز، بۇ شەكسىزكى نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ بىرگە ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ)، لېكىن ھازىرقى زاماندا نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئۇششاق ئائىلىلەر كۆپۈيۈپ كېتىدۇ؟ ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىدە 3~5 كىشىلىك ئائىلىلەر %51 نى ئىگەللىگەن. ئۇنداقتا بىز تەرەققىيات ۋە باياشادلىق نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ ئاساسىمۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز، لېكىن بۇنىڭ ھېچ بىر ئاساسى يوق ئىكەنلىگى نامايەن بولىدۇ، چۈنكى ئوخشاش تەبىئىي شارائىت، ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىگى، لېكىن نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ناۋادا زامانىۋىلاشقان، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتتىكى مىللەت ۋە دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىگىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز:
* 1994-يىلى ئاۋىستىرالىيىدە ھەر 10 مىڭ ئادەم ئىچىدە 7.2 جۈپ كىشى نىكاھتىن ئاجراشقان
* 1995-يىلى تۈركىيىدە ھەر 10 مىڭ ئادەم ئىچىدە 5. 0 جۈپ ئادەم نىكاھتىن ئاجراشقان،
* 1995-يىلى ئامىرىكىدا ھەر 10 مىڭ كىشى ئىچىدە نىكاھتىن ئاجراشقانلار 4. 4 جۈپ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز ئادەمنىڭ ئىچىدە %5.25 ئادەمنىڭ ئاجراشقانلىقىنى ئويلاشساق ھەر 10 مىڭ ئۇيغۇر ئىچىدە 525 ئادەمنىڭ، يەنى 262.5 جۈپنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىدىغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرما قىلالايمىز.

* «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2006-يىلى 22-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن قارىغاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز ئاشقان. دۇنيادا نىكاھتىن ئاجرىشىشتا ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا، ئەنگىلىيە 2-ئورۇندا، كورىيە 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2002-يىلى كورىيەنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى تارىختا ئەڭ يۇقۇرى بولغان بولۇپ، ھەر 10 مىڭ جۈپ ئەر ئايالنىڭ 28 جۈپى نىكاھتىن ئاجراشقان. ھىندىستان 2004-يىلى كەلگەندە ئاجرىشىش نىسبىتى 10 يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان بولۇپ %0.58 بولغان.

زامانىۋىلىشىش جەھەتتە يۇقارقى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىزدىن يۇقىرى ئىكەنلىگىدە شەك يوق، ماددىي مەئىشەت، ئاڭ جەھەتتىن بىزدىن يۇقىرى ئىكەنلىگىگە ھېچ كىشى گۇمان قىلمايدۇ. ئۇنداقتا مۇسۇلمانلاردا نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى يۇقۇرىمۇ؟ ياق، تۈركىيىلىكلەرنىڭ %99 تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ناۋادا باشقا مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنى كۆرسەك، بۇ خىل گۇماننىڭمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل نىكاھتىن ئاجرىشىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ؟ بۇ مەسىلا ھەممە كىشى ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.

ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدە خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزنىڭ يامرىشى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان كېرىزىسنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئائىلىۋىي تەربىيىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى، ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ يۇقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگە بولۇپ قالدى.
«تەڭرىتاغ» تور بېكىتىدىن ئېلىنىپ «ئىزدىنىش» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئۇيغۇرچە ئۇچۇردىن مەلۇم بولىشىچە، 2003-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە ئۈرۈمچىدە 303 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ سان 3165 كە يەتكەن، بۇ كېسەل ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ ئومۇمىي 30 مىڭدىن ئاشقان دېيىلگەن.

* «ئىزدىنىش» تور بېتىنىڭ «ئۆزىمىزگە نەزەر» سەھىپىسىگە يېزىلغان «ياشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇۋالايلى» دىگەن تېمىدىكى ئۇچۇردا «ئۈرۈمچى ليۇداۋان كۆمۈر كېنى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، كاندا ھازىر 2000 غا يېقىن ئىشچى ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 600 ئۇيغۇر بالىسى ئاق تاماكا چېكىدىكەن (ھۆكۈمەت تەرەپ ئېنىقلىغىنى دەپ ئىزاھات بېرىلگەن بولسىمۇ قانچىلىك ئاساسى بارلىغى نامەلۇم)… نەشە چېكىدىغانلارنى دېمەيلا قوياي… بۇ 600 ئۇيغۇر بالىسىنىڭ كۆپۈنچىسى ئائىلە قۇرغان ياكى ئىككىدىن بالىسى بار…» دېيىلگەن.

* ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر گېزىت «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئۇيغۇرچە 2004-يىللىق 8-ئىيۇل سانىدىكى «قورقۇنۇچلۇق سان: ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەخمىنەن 60 مىڭدىن ئاشتى» ناملىق خەۋەردە «%70 ناھىيە شەھەردە ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالدى، يۇقتۇرۇۋېلىش سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قان ئېلىش ۋە قان بېرىشكە بولغان باشقۇرۇشنى ھەمدە دوختۇرخانىلارنىڭ دېزىنفېكسىيە ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ دوختۇرخانىلاردىن تارقىلىشىنى توسىدى. 4-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2004-يىلى ماينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچى 8773 كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە %13 نى ئىگەللەپ، يۈننەن، خېنەن، گۇاڭشىنىڭ كەينىدە يەنى 4-ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار 202 ئادەم، ئۆلگەنلەر 67 ئادەم، ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە %77 ناھىيە شەھەر ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى دوكلات قىلغان، يۇقۇملىنىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيمەكتە ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمىلىي يۇقۇملانغانلار 60 مىڭدىن ئاشىدىكەن. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دېدى : توققۇز يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى ۋە ئىلى دوكلات قىلغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئاپتونوم رايون بويىچە دوكلات قىلىنغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %84.5 نى ئىگىلىدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە يۇقۇملىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ۋە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۇقۇش نىسبىتى داۋاملىق ئاشتى.

* كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دىدى : ھازىر كۆپ ساندىكى دەسلەپكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسىلى ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلىپ، ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ۋەزىيەت ناھايىتى كەسكىن. ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان دورا بىلەن تەمىنلەش يولى بەرپا قىلىش ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان ئېلىش، قان بېرىش، داۋالاشتا تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق ۋە ھۆسۈن تۈزەش قاتارلىق ھالقىلاردىن يۇقۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون قان ئېلىش، قان بېرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. داۋالاش ئورگانلىرى بىر قېتىملىق شىپرىس، بىر قېتىملىق سۇيۇقلۇق بېرىش ئەسۋابىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئېغىز بوشلۇقى، ئوكۇل، ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە بولغان نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

* «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2004-يىللىق 3-ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە» دىگەن خەۋەردە «1995-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن بۇيان، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقىشى تېز بولدى، يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يىلىغا مىڭ كىشىدىن كۆپەيدى….. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار زەھەر چېكىدىغان كىشىلەردىن ئادەتتىكى كىشىلەرگە قاراپ كېڭەيدى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار، بوۋاقلار تېز كۆپەيمەكتە» دېيىلگەن.

* «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دىيىلىدۇ : «11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى رايونىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت ئەڭ يېڭى خەۋەرنى ئېلان قىلدى، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى، 75 ناھىيە، شەھەر، رايوندىن دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئومۇمى سانى 9346، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى بولغانلار 212، ئۆلگەن ئەيدىز بىمارى 69. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ۋە ئىلى ئوبلاستىغا توپلاشقان… ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئەرلەر ئاياللاردىن كۆپ، ئەرلەر %85.8 نى، ئاياللار %14.2 نى ئىگەللەيدۇ، يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە 20-40 ياشقىچە بولغان ياشلار %89.5 نى ئىگەللەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىگى زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇرىغا ئۇكۇل قىلىشتا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن تارقالغىنى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ، بۇ خىل تارقىلىش ئۇسۇلىدا يۇقۇملانغانلار %88.6 نى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنرەك تۇرىدىغىنى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇش بولۇپ يۇقۇملانغانلارنىڭ %3.6 نى ئىگەللەيدۇ….» [«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 2004-يىل 30-نويابىر سانىدىكى خەۋەردە يېزىلىشىچە 9346 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىچىدە 8018 نەپىرى ئەر، 1328 نەپىرى ئايال كىشى ئىكەن. 1999-يىلى ئاياللار 288 نەپەر بولغان بولسا 2003-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە كۆپۈيۈپ 977 گە يەتكەن. ئەرلەرنىڭ سانىنىڭ بۇنداق كۆپ بولىشى شەكسىزكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىشنىڭ، شۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىدىن بالىغا ھامىلە ۋاقتىدىلا يۇقۇشنىڭ كەلگۈسىدە ئاشىدىغانلىغىدىن دېرەك بەرمەكتە].

* «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2004- يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەنزۇچە سانىدا «… بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 9346 گە (ئەمىلى يۇقۇملانغانلار بۇنىڭدىن كۆپ بولىشى ئېھتىمال) يەتكەن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەڭ ئېغىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى بولغان… يۇقۇملانغان ئەرلەر 8018، ئاياللار 1328، يۇقۇش يولى ئېنىق بولمىغان يۇقۇملانغۇچى %6.07 نى، ئانىدىن بالىغا يۇققىنى %15.0 نى، باشقا يول بىلەن يۇققىنى %58.1 نى ئىگەلەيدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىغا تەۋە جايلاردىكى يۇقۇملانغۇچىلار %43.57 نى، ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار %40.62 نى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار %56.4 نى ئىگەللەيدۇ. لېكىن جىنسى ئالاقە ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارىنىڭ نىسبىتى ئاشماقتا، يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان، ئاياللارنىڭ يۇقۇملىنىشى كۆرۈنەرلىك ئاشقان….»

* «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» 2004-يىلى 25-نويابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە :«22-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تېزگىنلەش مەركىزى ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەيدىز كېسىلى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، ئۈرۈمچى شەھرىدە 1995-يىلى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئادەم بايقالغاندىن تارتىپ، بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئاخىرىغىچە، مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3580 گە يەتتى.

* ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يىللىق كۆپۈيىشى 400 ئەتراپىدا بولۇپ، يۇقۇملانغانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1: 09.5 بولغان. ئەيدىز كېسىلى يەنىلا زەھەر چېكىشتە شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇققان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %92.07 نى ئىگەللىگەن.»

* «تەڭرىتاغ تورى» مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەمەلىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھەر 200 ئادەم ئىچىدە 3 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولىشى مۈمكىن ئىكەن.

ئېلىمىزدە 2002-يىلىنىڭ ئاخىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى مۇنۇ ئۈچ خىل بولۇپ: بىرىنچىسى، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ زەھەرنى ئۇكۇل قىلىش داۋامىدا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇش (ئېلىمىزدە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يۇققانلار ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %76.51 نى ئىگەللەيدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇقۇملانغۇچىلار شىنجاڭدا %97.37، سىچۇەندە %92.27، يۈننەندە %83.22، گۇاڭشىدا %78.97 نى ئىگەللەيدۇ)؛ زىنا ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇش؛ قان سېلىش (قان ياسالمىلىرىدىن) يۇقۇشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭدا 2001-يىلى 9-ئايغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2389 كىشى بولۇپ 600 كىشى ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى %42، غۇلجا شەھىرى %45 نى ئىگەللىگەن. بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرگىنىمىزدە، ئەر-خۇتۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا يۇقتۇرغىنىدىن سىرت يەنە ئانىدىن بالىغا يۇقىدىغان يۇقۇشنىڭ يۇشۇرۇن خەۋىپىنىمۇ ئەسكە ئېلىشىمىز كېرەك.

بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، «1996-يىلى مەملىكەت بويىچە پاھىشىۋازلىق ۋە پاھىشىلىق بىلەن قولغا ئېلىنغانلار 4 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن، ئەمەلىيەتتە پاھىشۋازلىق ۋە پاھىشىلىق قىلىدىغانلار قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ 10 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ» [25]. ھازىرقى ئەمەلىيەت ئەھۋالنىڭ 1996-يىلىدىكىدىن كۆپ ئېغىر ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈدۇ، چۈنكى ئەينى يىللاردىكىدىكى ئەھۋاللار ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى ئىدى، مانا ھازىر كاماندىروپكىغا چىقسىڭىز ياتىقىڭىزدا خاتىرجەم ئۇخلىيالمايسىز، سىز مەيلى قانداق ۋاقىتتا كېلىڭ «مۇلازىمەت لازىممۇ؟ قىزلىرىمىز چىرايلىق، يېڭىدىن كەلدى» دىگەن تېلىفۇنلار ئارامىڭىزنى بۇزۇدۇ، ناۋادا «ھەئە» دەيدىغان بولسىڭىز پادىدەك كىرىپ تاللىشىڭىزنى، باھا تالىشىشىڭىزنى كۈتىدۇ. خاتا كىرىپ قالغاننى باھانە قىلىپ ياتىغىڭىزغا كىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. ئەرلەر ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلماستىن، ئاياللار ئۈچۈنمۇ مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسپلەر بارلىققا كەلگەن. كەچلىكلىرى كوچىدا شەرەتلەش ھەتتا قىچقىرىش ئومۇملاشقان. نامدا ساتراچخانا، ھۆسۈن تۈزەش ئورنى دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىپ، ئەمەلىيەتتە پاھىشۋازلارغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىدىغان ئەھۋاللار ئومۇملاشقان. بۇرۇن شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان بولسا، مانا ئەمدى يېزا-بازارلارغىچە كېڭەيمەكتە، بۇ خىل يامان سۈپەتلىك قىلمىشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى مۆلچەرلەش قىيىن. ھازىر كىشىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە سالامەتلىككە سەل قاراش خاھىشى كۆپ بولغاچقا، جىنسى ئامىل ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن خېلى كۆپى ئېنىقلانمىغان بولىشى مۈمكىن، چۈنكى ھازىر چوڭ شەھەرلەردىكى «ئىش ئورنىدىن قالغان» پاھىشىلەر كىچىك ناھىيە، شەھەرلەرگە، يېزا بازارلارغا كېلىپ «ئىش ئورنى تاپتى». «باھا جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش» ئارقىسىدا بۇرۇنقى مائاشلىقلار بارىدىغان بۇ يېڭى «ئالتۇن ئۈچ بۈرجەك»، «قىزىل چىراق كوچىلىرى» مانا ئەمدىلىكتە ئىشسىز ياشلار ۋە دېھقان چارۋىچىلارغىچە ھەتتا ئۆسمۈرلەرگىچە كەڭ قۇچاق ئاچتى، شۇڭا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدە 20-40 ياشقىچە بولغانلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولدى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇشۇرۇن مەزگىلى يۇقتۇرۇشىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەزگىلى بولۇپ، كەلگۈسىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشىدىغانلىغىنى كۆرسەتمەكتە. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2004-يىل 30-نويابىر سانىدا يېزىلىشىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەمەلدارى جوڭگۇدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتا ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى، بۇ نىسبەت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەتتىكى خەلققە قاراپ يامراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىغىنى ئېيتقان. مانا بۇلار خەۋپنىڭ ھەر بىرىمىزگە يېقىنلاپ كەلگەنلىگىنى كۆسىتىپ بېرىدۇ.

بىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئارقىلىق نىمىلەرنى چۈشۈنىمىز؟ ناھايىتى ئېنىقكى سانلىق مەلۇماتلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاساسلىقى خىروئىن ۋاستىسى بىلەن يۇققانلىقىنى كۆرسەتتى، ئىككىنچىدىن زىنانىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھەم ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن، مانا مۇشۇلارنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كېلىۋاتقان خەۋپنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ جوڭگۇ نوپۇس تەرەققىياتىغا تەسىرى ھەققىدە دەستلەپكى ئىزدىنىش» تە ئېلان قىلىنغان سانلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشقان، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ھەر مىڭ ئادەمنىڭ بىرى دېگەنلىكتۇر. ھازىرقى مۇشۇ تەرەققىيات سۈرئىتىدە تارقالسا 2010-يىلىغا بارغاندا 10 مىليونغا يېتىپ، يۈز ئادەمنىڭ بىرى يۇقۇملىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يىتىملار 2001-يىلى 76 مىڭغا يەتكەن، 2005-يىلى 206 مىڭغا يېتىدىكەن. جوڭگۇدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %8 نى ئىگەللىسىمۇ، ئېنىقلاپ چىققان ئەيدىز بىمارلىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلىرى %36 نى ئىگەللەيدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى كۆپ تارقالغان رايونلار يۈننەن، شىنجاڭ ۋە گۇاڭشىلار بولۇپ يۈننەندە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 نى ئاز سانلىق مىللەت، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %99 نى دەيزۇ مىللىتى ئىگەللىگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۇقۇملانغۇچىلار مەملىكەت بۇيىچە يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %13 نى ئىگەللەيدۇ.

بەزى ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ش ئۇ ئا ر دا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ %92 تى ئاز سانلىق مىللەت، بۇنىڭ ئىچىدە %88 تى ئۇيغۇرلار ئىكەن. ناھايىتى ئېنىقكى خەتەر يېقىنلاپ كەلمەكتە. ئەيدىز ۋە خىروئىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، بىر تۈركۈم يىتىملارنى (بىر تۈركۈم يىتىملارنىڭ يۇۇقۇملىنىدىغانلىغىدا شۈبھە يوق) جەمئىيەتكە يۈك قىلىپ تاشلايدۇ، بۇ يىتىملار جەمئىيەت ئۈچۈن يۈك بولۇپ، تەرەققىيات ۋە ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇنۇ باياننى كۆرۈش ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئويلىنىشقا دەۋەت قىلماقچىمەن.

«ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى» دە ئوغۇزلار ھەققىدە مۇنداق بايانلار بار: «ئۇلار زىنا دىگەن مەسىلىنى بىلمەيدىكەن. بۇنداق گۇناھ قىلغان بىرى مەلۇم بولۇپ قالسا، ئۇنى ئىككى پارچە قىلىپ تاشلايدىكەن. يەنى ئۇنى ئىككى دەرەخنىڭ شېخىنى بىر يەرگە قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا باغلاپ، دەرەخ شاخلىرىنى قۇيۇۋېتىدىكەن. شاخلار ئەسلى ھالىتىگە قايتىشى بىلەن ھېلىقى ئادەم ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن…» [26].

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن بۇيان زىنا ئوخشاشلا چەكلىنىپ كەلگەن، زىنا قىلغۇچى بايقالسا چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. كروران رايونىدىن تېپىلغان ۋەسىقىلەردىكى خاتىرىلەر مۇندىن 2000 يىللار بۇرۇنلا زىنانى چەكلىگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. قېرىنداشلار ئويلىنايلى، ھەر قاچان ھەر زامان ئائىلىمىزنى، پاك جۆرىلىرىمىزنى، بالىلىرىمىزنى ئويلايلى، زىنادىن يىراق بولايلى، بولمىسا بىزنى كۈتىدىغىنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ شەرمەندىلەرچە ئۆلۈش ۋە پۈتۈن ئائىلىنى ۋەيران قىلىشتۇر. ھازىر دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسىنى ئىزلىمەكتە، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ۋاكسىنىسى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تېپىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت، ناۋادا ھەممە كىشى ئومۇمىي، ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلسا، زىيانلىق بولغان زەھەرلىك چېكىنلىكتىن خالىي بولسا، زىنادىن يىراق بولسا ئەيدىزدىن ئەنسىرەش نە ھاجەت؟

بىز يۇقۇرىدىكى ئېنىق سانلىق پاكىتلار بىلەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پاجىئەگە گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق، بۇ پاجىئەلەر تويدىن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنئەنىۋىي ئائىلە، نىكاھ قارىشىنىڭ بولماسلىقى بۇ پاجىئەنىڭ باشلانمىسىدۇر. ياشلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشى ۋە ئائىلىلىرىنىڭ ۋەيران بولىشى پاجىئەلەرنىڭ راۋاجلىنىشى بولدى. خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى، داۋاسى يوق كېسەل ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى، بالىلارنىڭ يىتىملىك يولىغا تاشلىنىشى، خۇتۇن-قىزلارنىڭ مۇھتاجلىق ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئىپپىتىنى سېتىشى، ئەرلەرنىڭ زىنا ۋە قىمارغا بېرىلىشى… بۇنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىدۇر. ئۇنداقتا بۇ پاجىئەلەر نىمە سەۋەبتىن يۈز بېرىدۇ ؟

جەمئىيەت تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر مىللىتى زەھەر سودىسى، شەھۋەتپەرسلىك، زەھەر چېكىش، تېرورلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، خىيانەتچىلىك، نومۇسىنى سېتىش، پارا ئېلىش، ئوغۇرلۇق، قىما، ئالدامچىلىق، پارا بېرىش [27] قاتارلىق قىلمىشلىرىدىن ئەڭ نەپرەتلىنىدىكەن. مۇشۇلارنى رەتكە تۇرغۇزسا زەھەر ۋە شەھۋەتپەرەسلىك ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگەللىگەن، مانا مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زەھەر ۋە زىنانىڭ ئەڭ كۆپ قىلمىش ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مانا بۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، ئائىلىلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا نىكاھ يېڭى زامانغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ئەركىن مۇھەببەت باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان سېغىنىپ كەلگەن ئەركىن مۇھەببەت كەڭ قۇچاق ئاچتى، ناۋادا ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن زاماندىن بېرى يادلاپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر –زۆھرە»، «رابىيە-سەئىدىن» داستانلىرىدىكى پېرسۇناژلار بۈگۈن بولغان بولسا مۇراد مەقسىدىگە يېتىپ ئائىلە قۇرغان بولار ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، ئائىلە مۇھىتى ۋە مەدەنىيىتى، پەرزەنتلىرى قانداق بولار ئىدى؟ ئۇلارمۇ ئاجرشىشىپ كېتەرمىدى؟ نازۇگۇم ۋە ئۇچتۇرپاندىن چىققان يەتتە قەھرىمان خوتۇن بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزنى بىلسە نىمىلەرنى دەر؟ بولۇپمۇ ھازىرقى خۇتۇن قىزلارنىڭ كىچىككىنە مۇھتاجلىق ياكى شۆھرەتپەرەسلىك تۈپەيلىدىن مىللىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى، ئەخلاقىنى، شەرم ھايانى ئۇنتۇپ باشقىلارغا باش ئەگكىنىنى، ئىپپىتىنى ساتقىنىنى بىلسە قانداق بولار ئىدى؟ ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپپەككۈرى نەۋائى بىر ئۆمۈر توققۇزى تەل بولسىمۇ تەنھا ياشىغىنى، ئۇلۇغ ئۇيغۇر پەيلاسوپى فارابىنىڭمۇ تەنھالىق ئىلكىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغىنى، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە «موللامنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما»، «موللام ھەممىنى بىلىدۇ، موللام قۇپۇپ كۆلگە سىيىدۇ» دىگەن ماقاللاردىكىدەك موللاملارغا ئوخشاپ قالغان زىيالىلىرىمىزنى قانداق چۈشۈنەر؟

ئەمدى مەسىلىنىڭ ئۆزىگە قايتساق، ئۇيغۇرلاردا ئائىلە، مەۋجۇدىيەت، ئەۋلاد قارىشى ئىنتايىن كەمچىل. قىزلىرىمىزنى ئېيتساق ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ ياتلىق بولۇشقا رازى بولىدۇ يۇ، توي كۈنى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ، بۇ بەلكىم بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى بولىشى مۈمكىن. ئاق، پاك قەلبىگە سىمۋۇل قىلسا نېمە دەي، پاكىز، كىرسىز ئۇيغۇر كىيىملىرىنى كىيىشنىڭ ئورنىغا نەچچە ئون ئادەم كىيگەن، ئىجارىگە بېرىلىدىغان ياۋروپانىڭ توي كىيىمىنى كىيىپ توي قىلىدۇ، ئۇيغۇر كىيىمىنى كىيسە نىكاھى ئۇقۇلماي قالىدىغاندەك، تويى بۇزۇلۇپ كېتىدىغاندەك، بەختسىز بولۇپ قالىدىغاندەك. 8-ئەسىردە ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ خاقانى تاڭ سۇلالىسى مەلىكىسى تەيخې بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى «كونا تاڭنامە- ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن : «قاغان ئالدى بىلەن راۋاققا چىقىپ كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ئولتۇرىدۇ، راۋاقنىڭ ئالدىغا كىگىز ئۆي تىكىلىدۇ، مەلىكە شۇ ئۆيدە تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى باش كاھىن مەلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆگۈتىدۇ. مەلىكە خەنزۇچە كېيىم كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ ئۇيغۇرچە ياسىنىدۇ، ئاندىن بىر ياشانغان يەڭگىنىڭ ھەمراھلىقىدا راۋاقنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۈن پېتىشقا قاراپ (قاغانغا قاراپ) تازىم قىلىدۇ. قاغان ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئۇنى كۈزۈتىدۇ» [ 28]. بىز ئۆزىمىزنى مۇندىن 1000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر خاقانى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى؟ ئۇيغۇر خاقانى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان تاڭ پادىشاھىنىڭ قىزىنى تويدا ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇپ نىكاھىغا ئالغان. بىزدە ئىككى ئۇيغۇر ياش توي قىلسىمۇ، ئۇيغۇرچە كىيىم كەيمەستىن بۇرۇنقى توي قىلغانلار كەيگەن كونا كىيىملەرنى كىيىدۇ، بۇ نىمە ئۈچۈن؟
نىمە دېگۈلۈك، ياخشىسى ھەممە كىشى ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىم، مۇشۇ توي مۇراسىمىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئائىلىگە، مىللەتكە، ئۆرپ-ئادەتكە، كېلىچەككە تۇتقان پوزىتسىيىمىزنىڭ ناھايىتى غۇۋالىقىنى، جۈملىدىن مۇستەققىل بىر تۇرمۇش قارىشىنىڭ يوقلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. خوش، توي بولۇپ ئائىلە قۇرۇلدى، بۇ ئائىلە قانداق ئىجتىمائى مۇھىتقا دۇچ كېلىدۇ؟

يېڭى دۇنياغا كەلگەن بۇ ئائىلىدىكى ياشلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ ئاۋۋالقى مەسىلە، يېڭى ۋۇجۇدقا كەلگەن ئائىلە بىلەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بىز يۇقارقى ستاتىسكىلاردىن، ناھايىتى كىچىكلا ئۆيلۈك ئۇچاقلىق بولىدىغانلىقىدەك ئەمىلىيەتنى كۆرۈپ ئۆتتۇق، ئۇلارنىڭ ئائىلە، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن تەجرىبىسىز بولغاچقا ناھايىتى تېزلا زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ، زىددىيەت ئىككى ياش ئارىسىدىلا بولۇپ قالماستىن، ئاتا-ئانا ۋە قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ، بۇ زىددىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈر بولىدۇ. زىددىيەتلەر كۆپۈنچە ئۆتكۈرلىشىپ ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مانا بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇمىي ۋە ئۆتكۈر زىددىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان ھەل بولىدىغان زەررىچە زىددىيەتلەرمۇ چوڭىيىپ، ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى ئۆز-ئارا چۈشۈنىشنىڭ كەمچىل بولىشى، ئۆز ئارا سىردىشىشنىڭ ۋە ھۆرمەتنىڭ كەمچىل بولىشى، چوڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت سائادىتىدىن كۆرە ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش ئاتا-ئانىلىق ئورنىنى يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇشى، پەرزەنتلىرىگە تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. كېلىن-كۈيئوغۇللار بولسا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق ئورنىنى ھۆرمەت قىلماسلىقى، كىچىككىنە سەھۋەنلىرىگىمۇ يول قويماسلىقى، كېلىن-كۈيوغۇل بىر تۇققانلىرى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا بەختىيار تۇرمۇش كۆچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتىن كۆرە، بەسلىشىش، كۆرەلمەسلىك، قەستەن زىددىيەت پەيدا قىلىشلار، زەررىچە سەھۋەنلىكلەرنى قىلدىن قىرىق يېرىشلار ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بەدنىيەتلىكنىڭ، نىيىتى قارىلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. ئائىلە، جەمەت، مىللەت قارىشىنىڭ كەملىگىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلسا زىيان تارتىدىغىنى كىم؟ يەنىلا ئۆز تۇغقانلىرى، تۇغقانلىرىنىڭ بىگۇناھ پەرزەنتلىرى ئەمەسمۇ ؟ ناۋادا شۇ تۇغقىنىنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلسا بۇزغۇچىغا نېمە پايدا؟
ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق. ئائىلىگە نىسبەتەن ئەر ۋە ئايالنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيىتى بولىشى لازىم، ئۇ ئۆزى خالاپ بۇ ئائىلىنى بەرپا قىلغان ئىكەن، بۇ ئائىلىنى قوغداش، ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدە خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى، زىنانىڭ كۆپۈيۈشى، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دۇنياۋىي يۇقۇرى نىسبەتكە يېقىنلىشىشى، نەزەرىمىزدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆپ دەپ قارىلىۋاتقان ئامىرىكىغا تەڭلىشىشى ياكى ئېشىپ چۈشىشى، ھاراق ۋە تاماكىدىن ئىبارەت چەكلەنمىگەن زەھەرگە ئاشىقى بىقارار بولىشىمىز، بىزنىڭ ئائىلىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغىمىزنىڭ يوق ياكى ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىز ھاراق، تاماكا، زەھەرلىك چېكىملىك، زىنا ۋە ئەيدىز بىلەن ئېرىشكىنىمىز ئائىلە ئىقتىسادىنى، ئىگىلىگىنى ۋەيران قىلىش بولدى، مۇشۇ سەۋەبتىن ناھايىتى كۆپ ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، سەبىي بالىلىرىمىز يىتىم ۋە ئىگىسىز قالدى. بۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز نە ھاجەت؟ بىز ئەنە شۇ بالىلارنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدۇق، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھايۋانلارچىلىك مەسئۇل بولالمىساق، جۈملىدىن بۇ مەسىلىدە ھايۋانلارنىمۇ دورىيالماسلىقىمىز نېمە سەۋەبتىن؟ ھايۋانلارغا قارايدىغان بولساق بالىلىرىنى بېقىپ يېتىلدۈرۈدۇ ۋە ياشاش يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگىنىمىز ھايۋانلارچىلىك بولسىمۇ ياشاش يولىنى ئۆگەتمىگەنلىگىمىز ئەمەسمۇ؟ ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە زەھەرلىك ئوت-چۆپتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىرى مىڭدە بىر ياكى ئونمىڭدە بىر كۆرۈلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ياشاش داۋامىدا بۇرۇنقىلاردىن قالغان قانداق چۆپنى يىسە زەھەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلگەنلىگىدۇر، بىز بولساق ئاڭسىز ھايۋانلارچىلىك… شەكسىزكى بىزدە ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش ئىدىيىسى يوقلىقىنىڭ، ئائىلىۋىي تەربىيىنىڭ بولمىغىنىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ناۋادا كىشىلىرىمىزدە، ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغىنىدا ئىدى، ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا مەسئۇل بولغىنىدىن سىرت يەنە پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام، بەختىيار ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كېلىچىگىگە كۆڭۈل بۆلگەن، مەسئۇل بولغان بولاتتى، شۇنداق بولغاندا خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكتىن يىراق بولغان، ھاراقنى ئاز ئىستىمال قىلغان، سالامەتلىككە زىيانلىق تاماكىدىن قول ئۈزگەن، زىنادىن يىراق بولغان بولاتتى. ئەر ۋە ئايال ئۆز ئارا مەسئۇل بولسا پاك ئائىلە ئەخلاقىي بەرپا قىلغان، زىنادىن خالىي بولغان بولاتتى، خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە يېقىن بارمىغان، قىمار ئويناپ ئائىلە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشنىڭ ئەكسىچە تىرىشىپ ئىشلەپ ئائىلە ئىگىلىگىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئائىلىسىنىڭ پاراۋان، پەرزەندلىرىنىڭ بەختىيار ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان بولاتتى. قېنى دوستلار، يۈرۈگۈڭلارنى تىڭشاپ بېقىڭلار، ئائىلىلىرىمىزگە مەسئۇل بولىۋاتامدۇق؟ ئائىلە ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىۋاتامدۇق؟ ئاتا-ئانىمىزغا قانداق مۇئامىلىدە بولىۋاتىمىز؟ ئۇلارغا كۆيۈندۇقمۇ؟ پەرزەندلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئاساس سالدۇقمۇ؟

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارلىق پاجىئە ۋە بەختسىزلىكلەر ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. ئائىلىۋىي مەدەنىيەتنىڭ بولماسلىقى، ئائىلىۋىي ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ بۇزۇلىشى، ئائىلە ئەنئەنسى ۋە مۇسئۇلىيىتىنىڭ بولماسلىقى بۇ پاجىئەلەرنىڭ تۈپكىي سەۋەبى ۋە باشلانمىسىدۇر. ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش، گۈزەل، بەختىيار ئائىلە بەرپا قىلىش، پەرزەندلىرىنىڭ كېلىچىگە ئاساس سېلىش، گۈزەل ئائىلە ئەخلاقى، ئېتقادىغا ماس ئائىلە مەدەنىيىتى تىكلەش، پەرزەنتلىرىنى خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىلغار پەن مەدەنىيەت بىلەن قۇراللاندۇرۇشنىڭ ئۆزى مىللەت، خەلق، ۋەتەن ئۈچۈن قۇشۇلغان تۆھپىدۇر. بىز ۋەتەن ۋە خەلقنى ئېغىزدا ئەمەس ئەمەلىي ئىش ھەركىتىمىز بىلەن سۆيەيلى!


پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

[1] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «ئائىلە» شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشىرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-، 6-بەتلەر
[2] كاتارىن ماكارتنىي «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 141-بەت
[3] «شىجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2001-يىللىق 2- سان
[4] نۇشرىۋان يائۇشېۋ «ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت» «مىراس» ژورنىلى 2005-يىللىق 2-سان
[5] ئالبېرت ۋون لېكوك «شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى» جوڭگۇ ياشلار نەشىرىياتى 2002-يىلى خەنزۇچە نەشرى 76-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىلى خەنزۇچە نەشرى 65-بەت
[6] نەزەر ئابدۇسەمەت ئوغلى «ئالتە شەھەرگە سەپەر» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىگى» ئۇيغۇرچە 2000-يىللىق 3-سان 48-بەت
[7] «شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى» 33-توپلام، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1992-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 208-بەت
[8] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1995» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 813-بەت
[9] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1985» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1985-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1453-بەت
[10] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1988» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1988-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1629-بەت
[11] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1990» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1990-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1529-بەت
[12] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1992» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1992-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1247-بەت
[13] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1993» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1994-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 778-بەت
[14] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1994» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1995-يىلى خەنزۇچە نەشرى 358-بەت
[15] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1995» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 867-بەت
[16] «شىنجاڭ يىلنامىسى 1998» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998-يىلى خەنزۇچە نەشرى 352-بەت
[17] [18] [19] [20] «جوڭگۇ نوپۇسى. شىنجاڭ تومى» چاۋشىڭ رەقەملىك كۈتۈپخانىسىدە ساقلانغان كىتاب
[21] ساۋ خوڭ «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇش شەكلى» مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى نەشىرىياتى 1999-يىلى خەنزۇچە نەشرى 161-، 177-بەتلەر
[22] شىياۋ يىڭ، بەختىيار تۇرسۇننىڭ باش مۇھەررىرلىگىىدە تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مىللىتى» يۈننەن ئۇنۋېرستېتى 2004-يىلى خەنزۇچە نەشرى 59-بەت
[23] ئەنۋەر نىجىم «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىش يۆنۈلىشى ھەققىدە ئانالىز» «غەربىي يۇرت نوپۇسى» ژورنىلى 2004-يىللىق 1-سان
[24] خۇاڭ جىروڭ، ۋەن چىڭيىن «جەنۇبىي شىقاڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى سەۋەبى ۋە سىياسەت» «شىقاڭ ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى» 2006-يىللىق خەنزۇچە 3-سان 83-بەت
[25] رابىيە ئىبراھىم «ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە ساۋادلار» شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى 2004-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 18-بەت
[26] «ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 13-بەت
[27] ياۋ ۋېي، ما يۆيوڭ قاتالىقلار «شىجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت جەمئىيەت پىسخىكىسى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2005-يىلى خەنزۇچە نەشرى 19-بەت
[28] لىن گەن، گاۋ زىخۇ «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 118-بەت


ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر 2010-يىلىدىن بۇرۇن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر تاقىلىپ قىلىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇرلار تورى» دا ئارخىپلاشتۇرۇلغان. بۇ ئەسەردە مۇھاجىرەتتىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدىغان مۇھىم مەزمۇنلار بولغاچقا «ئۇيغۇر مۇنبىرى» تەرىپىدىن تۈزىتىلىپ قايتا ئېلان قىلىندى.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *