«ئۇيغۇر» نامىنى قوللىنىشنىڭ باش-ئاخىرى

ئاپتورى: غالىب بارات ئەرك

ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى
(مىلادى 8-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى)

«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام دۇنيادا نوپۇسى سەككىز مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەرق خەلقىنىڭ نامى. ھازىر دۇنيادا 30 نەچچە دۆلەت ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەتقىق قىلماقتا. «ئۇيغۇر» نامى قانداق مەنىگە ئىگە؟ قاچاندىن بېرى قوللىنىلغان؟ دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشكىنى يوق. بىز تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

«ئۇيغۇر» نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازما خاتىرە يوق، شۇنداقتىمۇ بىز بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز. 11- ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىزنى دەسلەپكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۇتۇم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان، زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ» دەپتۇ.

ئاتاقلىق ئالىم مەھمۇد قەشقىرى خاتىرىلىگەن بۇ رىۋايەت بىزگە «ئۇيغۇر» نامىنىڭ مىلادىيەدىن تۆت ئەسىر بۇرۇن بارلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەشھۇر ئىستېلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيەدىن تۆت ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى تىترەتكەن تارىخى شەخس. «ئۇيغۇر» نامىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىسكەندەرگە باغلاپ رىۋايەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ خاتىرىلەش ئەنئەنىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان يىلىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئىبارەت مەشھۇر ئىستېلاچى ياشىغان دەۋرنى خاتىرىلەپ يىل دەۋرىدىن مەلۇمات قالدۇرغان. ئۇيغۇر نامىنى ئىسكەندەرگە باغلاشتىكى مەقسەت بۇ دۇنياۋى ئىستېلاچىغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ يىراق جايلارغىچە تارقىلىدىغانلىقى، ئۇزاق زامانلارغىچە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىدىن بولغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە خاقانىيە ئاھالىسىنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن كۆرە ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلادىيەدىن خېلى زامانلار بالدۇرلا مەۋجۇتلۇقى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كىشىلەر ئېسىدە رىۋايەت سۈپىتىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. رىۋايەتنىڭ مەقسەتلىرىنى داۋام قىلساق «ئۇيغۇر» نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قويغان بولۇشى ناتايىن. لېكىن دۇنيا مەشھۇر ئىستېلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تىلىدىن «بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار» ئىكەنلىكىنى قايىللىق بىلەن دېگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە ئۆز نامىدىن پەخىرلىنىش ھەم خاسىيىتىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت، رىۋايەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن ئوخشاشلىقى بەلكى ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار بىر قىسمىنىڭ نامى بولغانلىقى، بۇ تەڭداشلىقنى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆزى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا بايانلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىسپاتلانغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بىر قىسمىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىگە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي داستانى «ئوغۇزنامە» مۇ بىزگە 106- قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانىمەن». «ئوغۇزنامە» رىۋايەت خاراكتېرىنى ئالغان تارىخىي داستان بولۇپ ئەپسانىمۇ ئارىلىشىپ كەلگەن. ئەسەر تەخمىنەن 13- ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ ۋەقەلىك ناھايىتى قەدىمكى دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇ تارىخى داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدىن بايان قىلىنىدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ قارايدۇ. بىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىردىكى تارىخىي شەخس بولۇپ «ئۇيغۇر» سۆزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، سەۋەبى ئوغۇزخان قىپچاق، قارلۇق، قاڭقا، قالئاچ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ «ئۇيغۇر» نامىنى ئوغۇزخاننىڭ قويغانلىقىنى دېمىگەن، لېكىن «ئۇيغۇر» نامى ئۇلار قۇدرەتلىنىپ كۈچلۈك دۆلەت قۇرغاندا ھەممە قەبىلە ئورۇقلارغا بايرىقى ئاستىغا جەملەنگەندە ئاندىن زاھىر بولغان. ئوغۇزخانمۇ ئۇيۇغانلارنىڭ، كۈچ قۇدرەت تاپقانلارنىڭ قاغانى بولغان. بۇ تارىخىي داستاندىن «ئۇيغۇر» نامىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى مەنە جەھەتتىن «ئۇتقۇچى، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك» مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ ھەمدە بىرەر مىللەتنىڭ ئەمەس سىياسىي گەۋدىنىڭ دۆلەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نەمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە (1854 يىلى يېزىلغان) «ياركەنت، خوتەن ئەھلى بۇ زامانغىچە بەش مىڭ سەككىز يۈز ئەللىك يىل» ياشىغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەكەن، خوتەنلەردە ياشىغىلى 5850 يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئەجدادىمىز ھازىرغىچە تەخمىنەن ئالتە مىڭ يىل بولغان بولىدۇ.

بەزىبىر تارىخچىلار مىلادىنىڭ ھارپىسىدىكى ۋەقەلەردە ئۇچرايدىغان «呼结» نامىنىمۇ ئۇيغۇر نامىنىڭ باشقىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ، چەت ئەل مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ كۆرسەك مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان گېرىك ئالىمى تولمىي «جۇغراپىيە» ناملىق كىتابىنىڭ «سېرىس ئېلى» بابىدا «ئوكخورداش، ئوكخورداي» ناملىرىنى خاتىرىلىگەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىي پىكرىگە قارىغاندا سېرسى ئېلى خوتەن، قەشقەرلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تارىم ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا يۇقىرىقى ئىككى نام «ئۇيغۇر دەرياسى، ئۇيغۇرلار» دېگەننى كۆرسىتىدىكەن.

تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىمى پروفېسسور ئابدۇللا تىمەن ئوغلى ئەپەندى دىيارىمىز قوشنا ئەل بولغان ھىندىستاننىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ مۇنداق دېگەن: «ھىندىستان تارىخى ماتېرىياللىرىدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى تۈركلەرنىڭ تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ دۆلەت قۇرغان خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئاھالىسى ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ شەھەر تۇرمۇشى كەچۈرگەن. لېكىن تۈرك نامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاتىغان».

تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ليويىتاڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «تۈرك ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىنى يادرو قىلغان ھالدا غايەت چوڭ خانلىق قۇرغان». مەيلى قانداق بولمىسۇن يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا «ئۇيغۇر» نامىنى مىلادىيەدىن خېلىلا ئىلگىرى پەيدا بولغان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان «ئۇيۇشقان» بىر ئىنسانلار توپىنىڭ ۋە سىياسىي نامى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان.

بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئالىم گۇبائىن خانىم مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرسى، ئارىيانلار ھىندىستاندىن ياۋروپاغا كۆچۈپ كېلىشتىن 500 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دۆلىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل يېزىق مەدەنىيىتى بار ئىدى».

دېمەك، تارىخىي پاكىتلار بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمىي مىللەت بولۇپ تارىختا شىنجاڭنى مەركەز قىلغاندا كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا سەمەرىلىك روللارنى ئوينىغان. «ئۇيغۇر» نامىغا كەلسەك بۇ نامنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە بىۋاسىتە ئېنىق تارىخىي پاكىت بولمىسىمۇ بۇ نامنى ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن بۇرۇن بارلىققا كېلىپ قوللىنىشقا باشلىغان دېگەن ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن.

ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا پەيدا بولۇپ دۇنيادىكى مۇھىم ئەل نامى بولۇپ قالدى، لېكىن مىلادىنىڭ ھارپىسىدا بەلكىم مىلادىنىڭ بېشىدا بۇ نام ئەسلىدىكى شان شۆھرىتىنى يوقاتقان، ئىلگىرىكى شۆھرىتىنىڭ ئەكسىچە تارىخنامىلەردە كۆرۈلۈشى يوقنىڭ ھېسابىدا بولۇپ قالدى، بەلكىم ئىنتايىن كىچىك سىياسىي گۇرۇھ ياكى بىرەر قەبىلىنىڭ نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان بولسا كېرەك.

«ئۇيغۇر» نامى مىلادىنىڭ بېشىدىن تاكى 6- ئەسىرگىچە يەنى تۈرك ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققۇچە ناھايىتى ئاز كۆرۈلدى، شۇنداقلا جۇڭگو مەنبەلىرىدە «袁纥» دېگەندەك ناملاردا خاتىرىلىنىپ ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن.

مىلادىيە 7- ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر نامى قايتىدىن تارىخىي، سىياسىي سەھنىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار دەسلەپ تۈرك ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل تۇرۇش ئۈچۈن قارلۇق، باسمىل، سىرتاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تۈركلەرگە قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى. گەرچە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ كۆپ چاغلاردا تۈركلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مىلادىنىڭ 740- يىللىرى ئەتراپىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا، تۈركلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئاتلىنىدۇ، شۇڭىمۇ فرانسىيىلىك شەرقشۇناس رېنى گوسسوت «يايلاق ئىمپىرىيىسى» ناملىق كىتابىدا، ئاۋىستىرىيىلىك ماككرىىس «ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى» ناملىق كىتابىدا بۇ ھاكىمىيەتنى «ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى» دەپ ئاتىغان. بۇنداق دېيىش ئاساسسىز ئەمەس ئىدى، چۈنكى جۇڭگودا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن تاڭ سۇلالىسى ئوڭلۇك سويگۇن توپىلىڭىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا باج سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ يەردىكى دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى «回纥» نامى بولسا «回鹘» غا ئۆزگەرتىلدى. سەۋەبى مىلادىيە 789- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ شۇنداق يېزىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىككى خىل ئاتالمىنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ مەنە جەھەتتىن ئۆز نامىنىڭ شۆھرىتىنىڭ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىنى كۆزلىگەن، تارىخىچىلار «ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارغا ئوخشاش جەسۇر ۋە چېۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن <ئۇيغۇر> دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى <回纥> دېگەن سۆزنى <回鹘> دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى» دەپ قارايدۇ. بىز بۇلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز نامىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ۋە ئۇ ئۆزگەرتىش بىلەن يۇقىرىدا كۆرگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بىلەن باغلانغان رىۋايەتنىڭ مەلۇم مەنبەداشلىقى بار دەپ ئويلايمىز.

مىلادىيە 840- يىلىغا كەلگەندە بۇ «ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى» تۈرلۈك ئىچكى نىزالار، تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشقاندا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزگەرتىشى بىلەن قىرغىزلار ھۇجۇم قىلىپ بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋەتتى. تېررىتورىيە دائىرىسىدىكى خەلق ئۈچكە بولۇنۇپ بىر بۆلىكى شۇ زېمىندا قالدى (قىرغىزلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتتى). بىر بۆلىكى جەنۇبقا سەددىچىن ئىچىگە كۆچۈپ تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ئۇزاققا قالماي ئوگە تېگىن ۋە ئارمۇزد تېگىن باشچىلىقىدىكى بۇ بۆلەك پۈتۈنلەي تۈگىدى. يەنە بىر بۆلەك تەخمىنەن 200 نوپۇس «غەربكە» قاراپ كوچتى، ئۇلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە كەلگەندە يەنە ئىككىگە بولۇنۇپ، بىر بولىكى گەنسۇ ئۆلكىسى دائىرىسىدە قېلىپ كېيىنچە مۇشۇ زېمىننى مەركەز قىلىپ «گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى» دېگەن ھاكىمىيەتنى قۇردى، يەنە بىر بولىكى تۇرپان قارا شەھەر دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ ئەسلى ئۇيغۇرلار بۇ جاينىڭ تارىخىدا رول ئوينىيالمىدى (مالىيەۋكىن)، بەشبالىقىنى مەركەز قىلغان «ئۇيغۇر ئېلى» (بەزىبىر مەنبەلەردە ئون ئۇيغۇر ئېلى دېيىلگەن) قۇرۇلغاندا ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا سودا مەدەنىيەت ئالاقە يولىنى كونترول قىلغانلىقى شەرق بىلەن غەربنىڭ تۈرلۈك ئالاقىلىرىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقى تۈپەيلى بۇ نام قايتىدىن مەشھۇر بولدى، دۇنيا بۇ نامنى قايتىدىن تونىدى. «ئۇيغۇر ئېلى» دە مەدەنىيەت ئىقتىساد گۈللىنىپ ئەينى ۋاقىتتا شەرقتە ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان. شۇڭا ئەلچى ۋاڭ يەندى بۇ ئەلنىڭ باياشات پاراۋانلىقىنى، بىرمۇ كەمبەغەلنىڭ يوقلۇقىنى يازدى، شائىر مازۇچاڭ ياشانغانلىرىدا ساۋاتسىزلار يوقلۇقىنى يازىدۇ. مىلادىيە 13- ئەسىردە موڭغۇللار شەرقتىن غايەت زور قۇدرەت بىلەن كېڭەيمىچىلىك باشلىدى. 1209- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدىقۇتى پارچۇق ئارات تېگىن ئۆز ئېلىنى يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان قىتانلارنىڭ نازارەتچىسىنى ئولتۇرۇپ موڭغۇللارغا بېقىندى. موڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىققان بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت جەھەتتىن ناھايىتى قالاق ئورۇندا ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇلارغا مەدەنىيەت ئوقۇتقۇچىسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە يېتەكچى بولدى. گەرچە ھاكىمىيەتنى موڭغۇللار ئىگىلىگەن بولسىمۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئۇيغۇرلار بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نام شۆھرىتى موڭغۇللارنىڭ قەدىمى يەتكەن يەتمىگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە مەشھۇر بولدى. دۇنيادا بۇ نامنىڭ شۆھرىتى پەلەككە يەتتى.

ئەمدى بىز مۇشۇ تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى: ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيىتى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى خانلىقتىن بىرى خاقانىيە (قاراخانىيلار) سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بايانلىرىنى كۆرەلەيلى:

«مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى، قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە». ئاتاقلىق ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، قەبرىسىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكىنى ھازىر دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا مەھمۇد قەشقىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى «تۈرك» دەيدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ساپ تۈركچە دەيدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنى بىر خەلق دەپ قارىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ مەيلى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە بولسۇن كېيىنكى چاغلاردا بولسۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئۆزلىرىنى بىر خەلق دەپ ئاتىغان، ئۇيغۇر تىلى ساپ تۈركچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرۈپ ئادەت، تېررىتورىيە، ئىقتىسادىي بىرلىك بار ئىدى. ئالىم ئەسىرىدە خاقانىيە دائىرىسىدە ياشىغۇچى ئەجدادلىرىمىزنى «خاقانىيە تۈركلىرى» دەپ ئاتايدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكىلەرنى «ئۇيغۇرلار»، «تات ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدۇ. «تات ئۇيغۇر» ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇسۇلمان تۈركلەردىن پەرقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. «تات» ئاتالمىسىنى قوللىنىش بىر مىللەتنى ئېتىقاد جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلامدۇ قانداق؟

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ زاماندىشى خاقانىيىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، جامائەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىگە نامەلۇم ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان مۇقەددىمىدە مۇنداق دېيىلىدۇ (19-20): «تۈركىستان ئەللىرىدە بۇغراخان تىلىنچە تۈرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياخشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسىف قىلمادى» (پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە بۇغراخان تىلىدا تۈركىي سوز بىلەن (ھېچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى يازغىنى يوق).

قۇر ئاي ئول بۇكىتابقا قەبۇل بولدۇقى،

بۇ تۈركلەر تىلىندە ئەجەب كۆردۇكى.

(يا، بۇ كىتاپنى قوبۇل قىلغۇچى،

بۇ تۈركچە ئەسەرگە ئەجەبلەنگۈچى).

ئەرەبچە، تەجىكچە كىتابلار ئوكۇش،

بىزىڭ تىلىمىزچە بۇ يۇمغى ئۇقۇش.

(ئەرەبچە، تاجىكچە كىتابلار ئوقۇش،

بىزنىڭ تىلىمىزدە بۇ يالغۇز شۇلا).

بۇ تۈركچە قوشۇغلار تۇزەتتىم ساڭا،

ئوقىدا ئۇنۇما دۇئا قىل ساڭا.

(بۇ تۈركچە قوشاقلارنى تۇزدۇم ساڭا،

ئوقۇردا ئۇنتۇما دۇئا قىل ماڭا).

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىغا يېزىلغان مۇقەددىمە قانداقلا بولمىسۇن مىلادىيە 13-ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان. مۇقەددىمىنىڭ خاقانىيە خاقانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇشى ھەمدە ئۇلارنى «شەرقنىڭ مەلىگى، ماچىنلار بەگى» دەپ مەدھىيىلىشى ھەمدە ئۇلارنى بىلىم سۆيۈشتە «دۇنيادا بىرلا ئاجۇندا يەگ» دېيىشلىرى سۆزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. ئەسەردە تۈرك ئىبارىسى ئېتنىك نام سۈپىتىدە قوللىنىلغان.

ئەمدى بىز «ئۇيغۇر ئېلى» تېررىتورىيىسىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئالىم سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ نېمە دەپ يازغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى: «بەش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن تۈرك ئۇيغۇر تىلىنچە ئىكىلەيۇ ئەۋىرمىش» (بەشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۈرك ئۇيغۇر تىلىغا ئىككىنچىلەپ تەرجىمە قىلغان). ئالىم «ئالتۇن يارۇق» نى تەرجىمە قىلغاندا مۇنداق يازىدۇ: «بىش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ياڭىردى تۈرك تىلىنچە ئەۋىرمىش» (بەشبالىقلىق ساڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قايتىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىغان). ئالىمنىڭ پارچىسى تېپىلغان يەنە بىر تەرجىمە ئەسىرىدە: «ئون ئۇيغۇر ئەلىنتە كىنكى بوشوغۇتلۇق بىس بالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن ئىكىلەيۇ تۈرك تىلىنچە ئاقتارمىش» (مەدھىيىلەنگەن ئون ئۇيغۇر ئېلىندە كېيىن ئوقۇمۇشلۇق بولغان بەشبالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن ئىككىنچىلەپ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان).

سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10- ئەسىردە ياشىغان ئالىم، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا 8-، 9- ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى پېرتانراكشتمۇ ئۆز تىلىنى «تۈرك تىلى» دەپ ئاتىغان.

ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۈم سۈرگەن «خاقانىيە» ۋە «ئۇيغۇر ئېلى» تېررىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئۆز تىلىنى ئورتاق ھالدا «تۈرك تىلى»، ئۆزلىرىنى بولسا «تۈرك» دەپ ئاتىغان. ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتلىرىنى «خاقانىيە» ۋە «ئۇيغۇر ئېلى» (ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتاشقان. مەھمۇد قەشقىرى خاقانىيىلىكلەرنى «خاقانىيە تۈركلىرى» دەپ ئاتىغاندەك، سىڭقو سەلى تۇتۇڭ «تۈرك ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان. خۇددى مەھمۇد قەشقىرى «ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى» دېگىنىدەك «ئۇيغۇر» سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان، ئۇلارنىڭ تىلى «ئۇيغۇر تىلى» بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركلەرنىڭ تىلى ئىدى، ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت نامى بويىچە ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى «تارىخىي رەشىدى» ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى «ئۇيغۇرىستان» دەپ يازغان.

بۇ ئىككى خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئاھالە بىردەم تۈرك، بىردەم ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پېرتانراكشتمۇ ئۇيغۇر تۈرك يەنى باشقا مىللەت بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرى «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» ناملىق ئۇچ توملۇق كىتابىدا ئورخۇن يەنسەي ۋادىسىدا تاشقا ئويۇپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئابىدىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ «مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دېيىلگەن: توققۇز ئۇيغۇر، بىز بىلەن بىر مىللەت، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تارماقتۇر، شۇڭا مەڭگۈ تاشنىڭ بايقىلىشى بىزگە شۈبھىسىز جاۋاب بەردى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ۋ. سامۇرىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز چاغلاردا مەلۇم قەبىلە ياكى مەلۇم پارچە تۇپراقنى كۆرسەتكەن، كېيىنچە بىر خەلق تىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان، ئۇنى ئىشلىتىپ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ بىر خىلىنى پەرقلەندۈرگەن» دەپ يازىدۇ.

خەنزۇلارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى «ھون تارىخى»، «تۈرك تارىخى» ۋە «ئۇيغۇر تارىخى» دەك كىتابلارنىڭ ھەمدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى بولغان پىروفېسسور لىن گەن «تۈرك تارىخى» ناملىق كىتابىدا «ئۇيغۇر = تۈرك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى چۈشىنىشىمىزدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىردە ئۆزلىرىنى تۈرك دېسە بىردە ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسىنى چۈشىنەلەيمىز.

مىلادىيە 10- ئەسىردە ئىسلام دىنى خاقانىيە سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ كۆلەملىك غازاتلار ئارقىسىدا تەدرىجىي ئىسلامىيەت خاقانىيىدە ئومۇملىشىدۇ. لېكىن خاقانىيە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا يىمىرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قىتانلارنىڭ ئاندىن موڭغۇللارنىڭ ئىستېلاسى بۇ ئىككى ئەلنى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇ ئىستېلاچىلار يەنە مەدەنىيەتلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپچىلىك ئاھالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا موڭغۇللار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا دىن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق تارىخى دەۋردە چىڭگىزخان ئەۋلادى بولمىش تۇغلۇق تۆمۈرخان مىلادىيە 1348- يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن موڭغۇللارنىلا ئەمەس بارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەرنى ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراق ئالتۇن دىيارىمىزدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيە پەرقىمۇ تۈگىدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل شېۋىسى پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرلىككە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئەلىشىر ناۋايى «مۇھاكىمە تىل لۇغەتتىن» ئەسىرىدە ۋە زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ «بابۇرنامە» ناملىق ئەسىرىدە بىر نەچچە جايدا «ئۇيغۇر» ئىبارىسىنى تىلغا ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا «تۈرك» نامى ئومۇمىي نامغا ئايلىنىدۇ. خەلق ئۆزىنى «تۈرك» ياكى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە يۇرتنىڭ نامى بىلەن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، لوپلۇق، تارانچى، دولانلىق دېگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ. بۇ خىل ھالەت ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللا، ھۈسەيىنخان تەجەللىلەرمۇ ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ 1884- يىلىدىن ئىلگىرى يۇرتىمىزمۇ مۇسۇلمانلار يۇرتى «回疆» دەپ يازغان ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنى تۇڭگانلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن «缠头» دەپ ئاتىغان.

«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام مىلادىيە 1350- يىللاردىن 1935- يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا «تۈرك» دېگەن نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت نامى تۈسىنى ئالغان. ئۇنداقتا «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟

بۇ مەسىلىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن. مىلادىيە 20- ئەسىردە دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. چارۇسىيە ئاغدۇرۇلۇپ تۇنجى سوتسىيالىستىك ئىمپېرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سوۋېت ئىمپېرىيەسى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ئۆزىنى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئېزىلگۈچىلەرنىڭ باشلامچىسى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن غەربىي تۈركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۈ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن گۇرۇھلارغا بولۇپ ئىدارە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى «ئۇيغۇرلار يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى تارىخىي ئەنئەنە ۋە يېقىنقى سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بەرداشلىقنى بىرىكتۈرۈپ باشقىلار تەرىپىدىن كەشىپ قىلىپ چىقىلغان» دېيىلگەنگە ئوخشاش مەلۇم پەرقلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى مىللەتلەر ياساپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك بارلىققا كېلىپ تۈرك نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلدى.

ئۇنداقتا «ئۇيغۇر» ئاتالمىسى قانداقچە بۇ يېڭى مىللەتكە نام قىلىپ قوبۇل قىلىندى؟ قازاق ئاكادېمىك ئا. ت قايدارۇۋ «1921- يىلى س. ئە. مالوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەمدە شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىشنى بىردەك قوللىدى» دەيدۇ. بۇ يىغىن 1921- يىلى 6- ئايدا ئېچىلغان بولۇپ شۇ نۇقتىنى ئىلمىي ھالدا پەرەز قىلىش مۇمكىنكى يىغىندا رۇس ئۇيغۇرشۇناسى مالوۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىقتىكى شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ «ئۇيغۇر» نامىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شەرھلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلغان. چۈنكى مالۇۋ ئاكادېمىك رادلوۋنىڭ شاگىرتى بولۇپ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ تۈرك تىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1909- يىلىدىن 1911- يىلىغىچە، 1913- يىلىدىن 1915- يىلىغىچە شىنجاڭ ۋە گەنسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ (شەرقىي ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىل ۋە فولكلورىنى تەكشۈرگەن. 1916- يىلى تۈرك فىلولوگىيىسى بويىچە ماگىستىر بولغان. 1917- يىلىدىن كېيىن قازان، پېتىربورگ، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۈرك تىل-ئەدەبىياتىدىن دەرس ئوتكەن. 1939- يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان. ئۇ ھاياتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب، ماقالىلەر ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۈشۈپ قانۇنلاشقان. 1924- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نوپۇس تەكشۈرۈشتىن باشلاپ بۇ نام كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇنداقتا بۇ نام قانداقچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلدى؟ بۇ نام بېكىتىلىپ قانۇنلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئالى ئىلىمگاھلاردا قوللىنىلدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان زىيالىيلىرىمىز ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن سوۋېتقا چىقىپ تەدرىجىي بۇ نامنى قوبۇل قىلدى. مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شائىرلىرىمىز مەمتىلى توختىھاجى ئوغلى تەۋپىقى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر» نامىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا شىۋېيتسارىيىلىك داڭلىق دىپلومات، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ: «20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا ‹تۈرك› نامىنىڭ ئورنىغا ‹ئۇيغۇر› نامى دەسسىدى، بۇ ئاتالغۇنىڭ تەشەببۇسچىسى س. ئە مالوۋ ئىدى» («قەشقەرگە قايتا بېرىش» قا قاراڭ)، ئۇ ئەسىرىدە «ئۇيغۇر» نامىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاتالمىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.

«ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى شىنجاڭدا زادى قاچاندىن باشلاپ قانۇنلىشىپ قوللىنىلدى؟ بۇ ھەقتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تۇرپان ئېكسپېدىتسىيىگە قاتناشقان جاسيان لودېس (1933- يىلى شىنجاڭغا كەلگەن سوۋېت دىپلوماتى ئاپىراسيۋ شىنجاڭ مىلىتارىسى شىنجاڭ شەرىپىگە بەرگەن تەكلىپ ئىچىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئامىللارنى 20- يىللاردىكى لېنىن ئاساس قىلغان سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تىل-تارىخ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن <ئۇيغۇر> دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ. شۇ چاغلاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» بەلكىم سوۋېت ئىمپېرىيىسىنى چۆچۈتۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى شۇ زاماننىڭ ھىيلە مىكىر شاھى، ئەشەددىي فاشىست شىڭ شىسەي ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزىل فاشىست ستالىندىن ئىبارەت دۇنياۋى شەخسكە ئۆزىنى سادىق ئىت قىلىپ كۆرسىتىپ، بولشېۋىك بولغان ئىدى. سوۋېت ئىمپېرىيىسى نۇرغۇنلىغان بولشىۋىكلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە غايەت زور توھپىلەرنى قوشتى، 1934- يىلى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما قۇرۇپ بىر مەزگىل ئوتكەندىن كېيىن «چەنتۇ» دېگەن نامنى «ئۇيغۇر» دەپ ئۆزگەرتىش 2- نوۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر دېگەن نامنى خەنزۇچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ «威武儿» دېگەندەك لايىھەلەرمۇ بار بولغان، بۇنىڭ مەنىسى بولسا «ئالىيجاناب، جاسارەتلىك تەڭرىنىڭ ئامراق پەرزەنتى» دېگەن مەنىنى بەرگەن. بۇرھان شەھىدى «شىنجاڭنىڭ 50-يىلى» ناملىق ئەسىرىدە «مەن يۇۋىنبىن بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ <维吾尔> دەپ يازايلى دىيىشكەن ئىدۇق، ئولكىلىك ھوكۇمەتنىڭ يىغىنىغا سۇنۇپ ماقوللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ رەسىمى يازما شەكلى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ بارا-بارا كەڭ قوللىنىلدى» دەپ يازىدۇ. «维吾» بولسا مېنى ھىمايە قىل دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ نام ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۇشىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مىللەتلەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش بولغان. بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا «بۇلۇت» ئورنىغا «قىرغىز» «نۇغاي» ئورنىغا «تاتار» بېكىتىلگەن. «جۇڭگو» ئاتالمىسىنى «خىتاي» دەپ تەرجىمە قىلماي ئاھاڭ بويىچە ئاتاشمۇ بېكىتىلگەن، تاكى 1949- يىلىغىچە خەنزۇ نامى ئورنىغا «خىتاي» دېگەن نام قوللىنىلغان.

خۇلاسە قىلغاندا ئۇيغۇر نامى كېيىن دىگەندىمۇ مىلادىيىدىن تۆت ئەسىر ئىلگىرىكى دەۋردىنمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ، دۆلەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى چاغلاردا قەبىلە نامى بولۇپمۇ قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامى بولغان. تەخمىنەن مىلادىيە 1350- يىللىرى ئەتراپىدا ئىشلىتىلىشتىن قالغان. مىلادىيە 1921- يىلى 6- مايدا تاشكەنتتە زىيالىيلار قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرشۇناس مالۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قارار قوبۇل قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىسمەن ئاھالىنىڭ نامى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن، 1924- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان، قوللىنىشقا باشلىغان. شىنجاڭدا بولسا شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنىپ 2- قېتىملىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا (1934- يىلى) قانۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. بۇ نام نېمىشقا شۇنچە تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىدۇ؟ سەۋەبى ئېنىقكى نۇرغۇنلىغان سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغاندىن باشقا نۇرغۇنلىغان ياشلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىلىم ئالغان. ئۇلارنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان، يەنە كېلىپ «ئۇيغۇر» نامى قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا كۆرۈلگىنى ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنىپ ئومۇملاشقان، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ۋاسىتە بىلەن قارارلاشتۇرۇشمۇ رول ئوينىغان.

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر ھەل بولدى، ئەمما ئاساسلىقى ئىككى خىل ئاجىزلىققا يول قويۇلدى، ئۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى تەڭلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تارىخىنى ئۇيغۇر ناملانغان ئاشۇ گەۋدىسىنىلا ئىزدەش. يەنە بىر ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلارنى ئاساسى سۈپىتىدە پايدىلانماسلىقتا كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئاجىزلىقلار ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈسى.


پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

* مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 151-، 152-بەتلەر.
* «ئوغۇزنامە» مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 1980- يىل 30- بەت.
* موللا نىمەتۇللا موجىزى «تەۋارىخى مۇسقىييۇن» ئۇيغۇرچە مىللەتلەر نەشرىياتى 1982- يىل 26- بەت.
* ليۇ يىتاڭ «ئۇيغۇر تەتقىقاتى» 1977- يىل تەيۋەن خەنزۇچە نەشرى 11- ، 27- بەت.
* زوردۇن سابىر «ياۋروپاغا سەپەر»، «تارىم» 1988- يىل 5- سان 106- بەت.
* «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92- بەت.
* يۇۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى 1984- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92- بەت.
* «تارىم» ژۇرنىلى 1986- يىلى 2- سان، تۇركلوگ ئىسراپىل يۇسۇپ تەييارلىغان ماقالىگە قاراڭ.
* «جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1990- يىلى خەنزۇچە نەشرى 2- قىسىم 63- بەت.
* گراتىن «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ماقالىسىدە كەلتۈرگەن نەقىل ««شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاخباراتى» 1992- يىل 5- سان 14- بەت، 11- بەت.
* «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ئۇيغۇرچە 1993- يىل 4- سان 71-، 75- بەتلەر.
* بۇرھان شەھىدى «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» ۋە «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» ئۇيغۇرچە 28- توپلامغا قاراڭ.


ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر 2010-يىلىدىن بۇرۇن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر تاقىلىپ قىلىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇرلار تورى» دا ئارخىپلاشتۇرۇلغان. بۇ ئەسەردە مۇھاجىرەتتىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدىغان مۇھىم مەزمۇنلار بولغاچقا «ئۇيغۇر مۇنبىرى» تەرىپىدىن تۈزىتىلىپ قايتا ئېلان قىلىندى.